ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى مۇھاجىرەتتىكى تىبەتلىكلەر ئۈچۈن 6 مىليون دوللار ياردەم پۇلى تەستىقلىغان
2015.12.21
«تىبەت ئاۋازى» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بۈگۈن ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 2016-يىللىق خامچوت پىلانىدىن 6 مىليون دوللار ئاجرىتىپ مۇھاجىرەتتىكى تىبەتلەرگە ياردەم بېرىشنى تەستىقلىغان.
ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەستىقلىغان 6 مىليون دوللارنىڭ بىر قىسمى تىبەتلەرنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى ۋە دىنىنى قوغداشقا، يەنە بىر قىسمى ھىندىستان ۋە نېپالدىكى تىبەت كۆچمەنلىرىنى ئولتۇراقلاشتۇرۇشقا سەرپ قىلىنىدىكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ يىل ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تىبەتلەر ئۈچۈن تەستىقلىغان ياردەم پۇلى ئالدىنقى يىلىغا قارىغاندا بىر ھەسسە ئاشقان. يەنى 2015-يىلىدىكى 3 مىليون دوللاردىن ھازىر 6 مىليون دوللارغا كۆپەيگەن.
بۈگۈن سۈرگۈندىكى تىبەت مەمۇرىي مەركىزىنىڭ باشلىقى لوبساڭ ساڭگاي بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، پۈتۈن تىبەتلەر نامىدىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە ئالاھىدە تەشەككۈر بىلدۈرگەن.