خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىكى بىر دوختۇرخانا نورمال مەشغۇلات قىلىۋاتقان پەيتتە مەجبۇرىي چېقىلغان، دوختۇرخانا خادىملىرى 600 مىڭ دوللار قىممىتىدىكى دوختۇرخانا ئۈسكۈنىسىنىڭ ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شىنخۇا ئاخباراتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر ھادىسە جېڭجۇ ئۇنىۋېرسىتېتىغا تەۋە بىر دوختۇرخانىدا پەيشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن. مەلۇم بولۇشىچە ئۇنىۋېرسىتېت ئىگىدارچىلىقىدىكى 4 - دوختۇرخانىنىڭ مەلۇم قىسمى شەھەرنىڭ يول كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىغا توغرا كېلىپ قالغان ئىكەن.
دوختۇرلارنىڭ يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بىلدۈرۈشىچە، 7 - يانۋار ھەربىيلەردە ئىشلىتىلىدىغان رەڭلىك نىقاب كىيىمى كىيگەن بىر توپ كىشىلەر دوختۇرخانىغا كېلىپ بىنانى توپا ئىتتىرىش ماشىنىلىرى بىلەن تۈرتۈشكە باشلىغان.
دوختۇرخانا رېنتگېن بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ليۇ چۈنگۇاڭنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئەينى چاغدا بىر بىمارنى تەكشۈرۈۋاتقان ئىكەن.
نەتىجىدە بىمارلار قورقۇپ دوختۇرخانىدىن قېچىشقان، دوختۇرخانا جەسەت ساقلاش ئۆيىدىكى 6 جەسەت توپا ئاستىدا قالغان. دوختۇرخانا باشلىقى يۈەن بۇنىڭ جەسەتلەرگە قىلىنغان ھاقارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
BBC دا دوختۇرخانا جايلاشقان خۇيجىڭ رايونلۇق ھۆكۈمەت باياناتىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، دوختۇرخانىنىڭ CT بۆلۈمى ۋە جەسەت ساقلاش ئۆيى يول قۇرۇلۇشىغا توغرا كېلىپ قالغان بولغاچقا دائىرىلەر دوختۇرخانىدىن بۇ بىنانى ئۆزلىرى چېقىپ بېرىشنى بىر نەچچە قېتىم تەلەپ قىلغان ئىكەن.
ئۇلار باياناتىدا يەنە، دوختۇرخانا چېقىلىشتىن ئىلگىرى بوشىتىلغانلىقىنى، شۇڭا ئۆلۈم - يېتىم ھادىسىسى كۆرۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، دوختۇرلار ئەينى چاغدا دوختۇرخانىدا نورمال مەشغۇلات قىلىنىۋاتقانلىقىنى، بىر قىسىم خادىملارنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتقان.