فوكسكون (Foxconn) نىڭ مۇدىرى: «خىتاينىڭ دۇنيا زاۋۇتى بولۇش دەۋرى ئاخىرلاشتى»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.08.14

خەلقئارادا فوخكسكون (Foxconn) دېگەن نام بىلەن تونۇلغان تەيۋەن «خوڭخەي تېخنولوگىيە گۇرۇھى» نىڭ مۇدىرى ليۇ ياڭۋېي خىتاينىڭ سودا ئۇرۇشى سەۋەبلىك دۇنيا زاۋۇتى بولۇش دەۋرى ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

Fokskon dunyadiki Alma, Déll, Ninténdo, Swich قاتارلىق ئەقلىي فون، كومپيۇتېر ۋە ئېلېكترون ئويۇنچۇقلىرىنى ئىشلەيدىغان چوڭ كارخانا. مەزكۇر شىركەتنىڭ ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى خىتايغا جايلاشقان. بۇ شىركەتنىڭ شېنجېندىكى زاۋۇتى ئىلگىرى ئىشچىلارنى قاتتىق ئەمگەككە سېلىپ، ئۇلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن.

فوكسكوننىڭ زاۋۇتلىرىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ بار-يوقلۇقى مەلۇم ئەمەس. ئەمما ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ بۇ يىل 3-ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، ئالما شىركىتىنىڭ خىتايدىكى تەمىنات زەنجىرلىرىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشلەيدىغانلىقى تەكىتلەنگەن ئىدى. «سودا ستاندارت» ژۇرنىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ليۇ ياڭۋېي فوكسكوننىڭ خىتاي سىرتىدىكى ئىشلەپچىقىرىش سالمىقى ئېشىۋاتقانلىقى، نۆۋەتتە ئۇنىڭ خىتاي سىرتىدىكى ئىشلەپچىقىرىش سالمىقىنىڭ 30% گە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ليۇ ياڭۋېي مۇخبىرلارغا تېخىمۇ كۆپ ئىشلەپچىرىشىنىڭ شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىگە يۆتكىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈپ، خىتاي فوكسكوننىڭ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشىدا يەنىلا مۇھىم سالماقنى ئىگىلىسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ «دۇنيا زاۋۇتى بولۇش دەۋرى ئاخىرلاشتى» دېگەن. ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى سودا ئۇرۇشى، ئامېرىكانىڭ خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا تاموژنا بېجى قويۇشى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكىگە چېتىشلىق خىتاي كارخانىلىرىنى جازالىشى نۇرغۇن شىركەتلەرنى باشقا دۆلەتلەرگە يۆتكىلىشكە مەجبۇرلىماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.