د ئۇ ق خەلقئارا جامائەتنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتىگە دىققەت قىلىشقا چاقىردى

ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، 11 كىشى ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان ئىدى.

بۈگۈن ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ ئالاقىدار خادىمى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان كىشىلەر ئەگەر مۇشۇ بىر ئاي ئىچىدە ئۆزىنى مەلۇم قىلغان تەقدىردە، ئۇلارغا كەڭچىلىك قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولسا يۇقىرىدىكى سۆزگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ۋەقەنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى يوشۇرۇش بىلەن ئەيىبلىدى ۋە خەلقئارا جامائەتنى بۇ 11 كىشىنىڭ ئاقىۋىتىگە دىققەت قىلىشقا چاقىردى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنى لۈكچۈن ۋەقەسىدىن كېيىن قولغا ئېلىنغانلارنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىشقا چاقىرغان ئىدى.

دائىرىلەر 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 4 يىللىقى ھارپىسىدا ئۈرۈمچىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئالاھىدە كۈچەيتكەن. شىنجاڭ خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئۈرۈمچىنى چۆرىدىگەن ئۇلانباي، قالغاچلىق قاتارلىق تۆت جامائەت خەۋپسىزلىكى تەكشۈرۈش پونكىتىدا 1-دەرىجىلىك تەكشۈرۈش تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ ئىجرا قىلىشقا باشلىغان.