ئەنەس كانتەرنىڭ توختامسىز قېلىشى زور دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.02.15

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زالىملىقىنى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقىنى ئاشكارا تەنقىدلەش بىلەن تونۇلغان ئامېرىكادىكى ۋاسكېتبول ماھىرى ئەنەس كانتەر يېقىندا «بوستون كلېتلىقلار» كوماندىسىدىن «خيۇستون راكېتاسى» كوماندىسىغا ئالماشتۇرۇلغان ئىدى. ئەمما كۈتۈلمىگەندە «خيۇستون راكېتاسى» كوماندىسى ئەنەس كانتەر بىلەن بولغان توختامنى بىكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

«دۆلەتلىك تەقرىز» گېزىتىنىڭ 15-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئەنەس كانتەر بىلەن بىرلىكتە ئالماشقان باشقا ماھىرلار «خيۇستون راكېتاسى» كوماندىسىدا قېلىپ قالغان بولۇپ، ئەنەس كانتەرلا بۇ كوماندىدىن چىقىرىۋېتىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئەنەس كانتەر بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى تولۇق بايقۇت قىلىش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان، شۇنىڭدەك خىتاي ۋاسكېتبول چولپىنى ياۋ مىڭنى «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قورچاق توپچىسى» دەپ ئاتىغان ئىكەن. ئامېرىكا ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى (NBA) دىكى بۇ ئىككى داڭلىق كوماندىنىڭ ئەنەس كانتەرگە تۇتقان مۇئامىلىسى نۆۋەتتە تاشقىي دۇنيانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان زور گۇمانىنى قوزغىماقتا ئىكەن. بەزىلەر بولسا بۇنىڭ تەسادىپىيلىق ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىمەكتە ئىكەن. بولۇپمۇ «خيۇستون راكېتاىسى» نىڭ سابىق ئىدارە ھەيئەتلىرىدىن داريل مورېي 2019-يىلى خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە ھەركىتىنى ھېمايە قىلىپ تىۋېتتېردا ئۇچۇر يوللىغاندا، مەزكۇر كوماندا خىتاي مىقياسىدىكى «خەلق ھۇجۇمى» غا دۇچ كەلگەن ئىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئەنەس كانتەر ئىلگىرىكى رادىيو-تېلېۋىزىيە سۆھبەتلىرىدە ئۆزىنىڭ NBA دىن سىقىپ چىقىرىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى تىلغا ئالغان ئىكەن. ئەمما بۇ ئەھۋال خىتاي ھۆكۈمىتىنى بەكلا خوشال قىلىۋەتكەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كارنىيى بولغان «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» بۇ ھەقتىكى ئوبزور ماقالىسىدا «ئەنەسنىڭ ‹خيۇستون راكىتاسى› كوماندىسىدىن چىقىرىۋېتىلىشى، ئۇلار ئۈچۈن بىر ۋىرۇسنى تازىلىغانلىققا باراۋەر. خەلقىمىز ئەمدى بوستون كوماندىسىنىڭ توپ مۇسابىقىسىنى كۆرىدۇ» دېگەن. ئۇلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئەنەس كانتەرنى «ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) نىڭ جاسۇسى» دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.