ئەنەس كانتەر NBA نىڭ ئۇكرائىناغا كۆڭۈل بۆلۈپ، خىتايغا سەل قارىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.03.09

خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىدا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ شۇنچە كۆپ چاقىرىق ۋە نامايىشلىرىغا قارىماي «تەنتەربىيەنى سىياسىيغا ئارىلاشتۇرمايمىز» دېگەن باھانە بىلەن خىتاينى قوللىغانىدى. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە سىياسىينى ئارىلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئىككى يۈزلىمىچىلىكىنى ئاشكارىلىدى. بۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەر خەلقئارا تەنتەربىيە ساھەسىدە پات-پات كۆرۈلمەكتە.

8-مارت كۈنى ئامېرىكادىكى تاراتقۇ تەتقىقات مەركىزى (MRC) تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەنەس كانتەر ئامېرىكا ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمىسى NBA نىڭ ئۇكرائىناغا كۆڭۈل بۆلۈپ، خىتايغا داۋاملىق سەل قاراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەنەس كانتەر بۇ يىل 2-ئايدا NBA نىڭ ئەڭ چوڭ بازىرى بولغان خىتاينى غەزەپلەندۈرگەنلىكى ئۈچۈن كوماندىدىن چىقىرىۋېتىلگەنىدى. ئۇ بۇ قېتىم بوستون كوماندىسىدىكى سەپدىشى ۋە ترېنېرىنىڭ ئۇكرائىنانى قوللاپ چۈشكەن رەسىمىنى كۆرۈپ، تىۋىتتېردا «ساختىپەزلەر! مەن سىلەرنىڭ ئۇكرائىنانىڭ گېربىنى تاقاپ ئۇلارغا مەدەت بېرىۋاتقىنىڭلارنى كۆردۈم. مەنمۇ سۈرىيەلىكلەر، ئافغانلار، ئۇيغۇرلار، خوڭكوڭلۇقلار، تىبەتلەر، تەيۋەنلىكلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش كېرەكلىكىنى دەپ كېلىۋاتىمەن، ئەمما بۇلارغا كەلگەندە سىلەر نېمىشقا گەپ قىلمايسىلەر، رۇسىيەدىن مەنپەئەت كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇكرائىنانى قوللاۋاتامسىلەر؟» دەپ ئەيىبلىگەن.

ماقالىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى (NBA) خىتايدىن مەنپەئەت كۆرۈۋاتقان ۋە ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ھەسسە قوشۇۋاتقان تەنتەربىيە گۇرۇھى ھېسابلىنىدىكەن. ئۇنىڭ رۇسىيەدە خىتايدىكىگە ئوخشاش مەنپەئەتى بولمىغانلىقى ۋە رۇسىيەدىن قورقمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇكرائىنانى قوللىغان، ئەمما خىتايدىكى ئەشەددىي زوراۋانلىققا، تەنھەرىكەت كىيىملىرى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى قۇل قىلىپ ئىشلىتىشتەك قەبىھ قىلمىشلىرىغا پەرۋا قىلماس ھالغا كەلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.