ئەنگلىيە پارلامېنتى خىتايدىكى ئىچكى ئەزالار ئوغرىلىقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نىشان بولۇشىنى ئەيىبلىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.06.30

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يولغا قويۇۋاتقان تۈرلۈك تەدبىرلىرى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ زور نارازىلىقىنى قوزغىدى. بولۇپمۇ خىتايدىكى ئادەم ئىچكى ئەزالىرىنىڭ شۇ كىشىنىڭ رازىلىقى بولمىغان ئەھۋالدا مەجبۇرىي سۇغۇرۇۋېلىنىشى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار كۆپلەپ مەلۇم بولغاندىن كېيىن ئەنگلىيە پارلامېنتلىرىنىڭ ئەزالىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان قاتتىق نارازىلىقىنى تەكىتلەپ «ھۆكۈمىتىمىز خىتايغا قارشى كەسكىن بىر ھەرىكەتكە ئۆتۈشى لازىم» دېدى.

«ياخۇ خەۋەرلىرى» نىڭ 30-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى ئالىستائىر كارمايكىل ۋە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى دۇنكان سىمىت «ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى مۇشۇنداق قەبىھ تەدبىرلەرنى قوللىنىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن يەنە قانداقلارچە سودا پائالىيىتىنى داۋام قىلىدۇ؟» دەپ سوئال قويدى.

بولۇپمۇ پارلامېنت ئەزاسى ئالىستائىرنىڭ «ئىچكى ئەزالار ئوغرىلىقى يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ كەلمەكتە» دېگەن سۆزىدىن كېيىن بۇ ھادىسىنىڭ ماھىيىتى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە مەلۇم بولغان. ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل مىنىستىرى نايجىل ئادامس بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭمۇ ئاشۇ خىل قاراشتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ «ئىچكى ئەزالار ئوغرىلىقىنى تەكىتلەش بەكمۇ جايىدا بولدى. بۇ ئىشلاردىن ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر خەۋەردار بولدى. ئەمدى بۇنىڭغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلمىساق بولمايدۇ» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىچكى ئەزالارنى شۇ كىشىنىڭ ئىئانە قىلىش رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن باشقا كىشىنىڭ بەدىنىگە كۆچۈرۈش دۇنيا بويىچە ئومۇملاشقان تېببىي قائىدە ئىكەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇر قامالغان لاگېرلارنى «تەييار ئىچكى ئەزالار ئامبىرى» قىلىۋېلىشى نۆۋەتتە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەڭ روشەن كۆرسىتىپ بېرىۋاتقان ئامىللاردىن بىرى بولۇپ قالماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.