ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لىز ترۇس( Liz Truss ) 27-ئاپرېل كۈنى لوندوندا قىلغان سۆزىدە خىتاينى خەلقئارا قائىدىلەرگە ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان. ئۇ خىتاينىڭ ئەكسىچە ھەرىكىتىنىڭ ئۇنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت بولۇشتەك ئارزۇسىنى سۇغا چىلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ترۇس مۇنداق دېگەن: «دۆلەتلەر چوقۇم قائىدە بويىچە ھەرىكەت قىلىشى كېرەك. بۇ خىتاينىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر ئۇلار قائىدىگە ئەمەل قىلمىسا، ئۇلار داۋاملىق ئۆرلىيەلمەيدۇ. چۈنكى خىتاي G-7 دۆلەتلىرى بىلەن سودا قىلىشقا موھتاج. بۇ يەتتە دۆلەت دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يېرىمىغا ۋەكىللىك قىلىمىز. شۇڭا بىزنىڭ تاللاش ھوقۇقىمىز بار».
ئۇ بۇنىڭغا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇزچىلىقى تۈپەيلىدىن دۇنيا ئىقتىسادىدىن ئايرىۋېتىلگەنلىكىنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىپ: «بىز رۇسىيە مىسالى ئارقىلىق خەلقئارالىق قائىدىگە خىلاپلىق قىلىنغاندا قانداق ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىمىزنى دۇنياغا كۆرسەتتۇق» دېگەن ۋە ئەمدى غەربنىڭ بازىرىنىڭ ئاسانلىقچە ئوچۇق بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ترۇس سۆزىدە يەنە ھىندى-تىنچ ئوكياننىڭ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئېلىپ «بىز ھىندى-تىنچ ئوكياندىكى تەھدىتلەرنى ئالدىن ئويلىشىشىمىز كېرەك، ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداشلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، تىنچ ئوكياننىڭ قوغدىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك» دېگەن.
ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «بىز چوقۇم تەيۋەنگە ئوخشاش دېموكراتىك تۈزۈملەرنىڭ ئۆزىنى قوغدىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك».
تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بولسا 28-ئاپرېل كۈنى ترۇس خانىمنىڭ بۇ سۆزلىرىنى قارشى ئېلىپ ئىنكاس قايتۇرغان ھەمدە ئەنگلىيە ۋە باشقا ئوخشاش پىكىردىكى شېرىكلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.