ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى باياناتىغا 27 دۆلەت ئاۋاز قوشتى
2020.06.30
30-ئىيۇن كۈنى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دىكى باش ئەلچىسى جۇليان برايسۋېيت 27 دۆلەتكە ۋاكالىتەن تەييارلاپ چىققان بىرلەشمە باياناتىنى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى كەسكىن تەنقىدلىدى.
ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ باياناتتا باش ئەلچى جۇليان ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور كۆلەملىك تۇتقۇن، نازارەت ۋە چەكلىمىلەردىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بۇ تەدبىرلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىگە ئۇيغۇرلار دىيارىغا بېرىش رۇخسىتى بېرىش لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
باياناتتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭلۇقلارنىڭ پىكرى ئېلىنمىغان ئەھۋالدا «خوڭكوڭ خەۋپسىزلىك قانۇنى» نى ماقۇللىشى «خوڭكوڭنىڭ يۈكسەك ئاپتونومىيەلىك ئورنىنى، شۇنداقلا ‹بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش›نى ۋەيران قىلغانلىق» دەپ كۆرسىتىلگەن.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىگە ئەۋەتىلگەن بۇ باياناتتا ئۇيغۇر دىيارى ۋە خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇقلارنىڭ ئاياق-ئاستى قىلىنىشى ئىخچام ۋە مېغىزلىق بايان قىلىنغان. بۇ بىرلەشمە باياناتقا ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە، كانادا، گېرمانىيە، ياپونىيە، يېڭى زېلاندىيە ۋە شىۋېتسىيە قاتارلىق 27 دۆلەت ئىمزا قويغان.