ئەركىنلىك سارىيى: خىتاي تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ، تىنچ ئۇيغۇر ئۆكتىچىلىرىنى باستۇردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015.01.28

ئەركىنلىك سارىيى چارشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، 2014‏-يىلى دۇنيادا دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ئەھۋالى ئىنتايىن ناچار ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى. دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، خىتاي ئۆتكەن يىلى تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ، تىنچ ئۇيغۇر ئۆكتىچىلىرىنى داۋاملىق باستۇرغان.

دوكلاتتا مۇنداق دەيدۇ، «ۋېنىسۇئېلادا نىكولاس مادورا ھۆكۈمىتى سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى تېررورچى دەپ تۈرمىگە تاشلىدى. كېنىيەدە دائىرىلەر ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى سومالىدىكى قوراللىق كۈچلەرگە باغلاپ چەكلىدى. خىتاي تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ، تىنچ ئۇيغۇر ئۆكتىچىلىرىنى ۋە تور قوللانغۇچىلارنى ئېغىر قاماق جازالىرىغا مەھكۇم قىلدى. مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى مانا شۇلارنىڭ جۈملىسىدۇر.»

ئەركىنلىك سارىيىنىڭ دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، 2014‏-يىلى دېموكراتىيە، ئەركىنلىك «ئېغىر» ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن. خېلى زور ساندىكى ئىقتىسادى كۈچلۈك ئەللەر ۋە رايون خاراكتېرلىك چوڭ دۆلەتلەردە دېموكراتىيە ئارقىغا چېكىنىپ، سۆز ئەركىنلىكى تەھدىتكە ئۇچرىغان. دۆلەتنىڭ تەقىب قىلىشى، تورغا چەكلىمە قويۇشى كۈچىيىپ، شەخسلەرنىڭ مائارىپ تەربىيىسى، خىزمەتكە ئورۇنلىشىش، ساياھەت قىلىش قاتارلىق ئىشلاردا قارار قىلىش ئەركىنلىكى قىسىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.