كورك ئۇنىۋېرسىتېتى «ئەخلاقىي كەمتۈكلۈك» تە ئەيىبلەندى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-10-28
Share

يېقىندا بېيجىڭدىكى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرماقچى بولغان كورك ئۇنىۋېرسىتېتى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ «بۇ ئەخلاق كەمتۈكلۈكى قىلمىشى» دەپ ئەيىبلىشىگە دۇچ كەلدى.

«ئىرېلاندىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 28-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئېرلاندىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئالىي مەكتەپلەردىن بولغان كورك ئۇنىۋېرسىتېتى «ئىلمىي ئالاقە» نامىدا مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى ئويلاشماقتا ئىكەن. مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بۇ قارارى جەمئىيەتكە مەلۇم بولغاندىن كېيىن مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتايدىكى كومپارتىيە ئەمەلدارلىرىنى تەربىيەلەيدىغان مۇھىم ئورۇن ئىكەنلىكى، بۇ جايدا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى كۆپلەپ لاگېر بەرپا قىلىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ ئوقۇيدىغانلىقى، شۇلار قاتارىدا ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئالتە ئوقۇغۇچىسىنىڭ قاماقتا ئىكەنلىكى قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىپ، زور غۇلغۇلىغا سەۋەب بولغان.

ۋىلسون مەركىزىنىڭ خادىمى ئالېكساندىر دۇكالسىكىي بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «شىنجاڭدا لاگېر قۇرۇپ كىشىلەرنى ‹قايتا تەربىيە› گە زورلاۋاتقان بىر ھۆكۈمەت باشقۇرىشىدىكى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش سېپى ئۆزىدىن ئەخلاقىي مەسىلىدۇر،» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 2020-يىلىنىڭ بېشىدا مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى كورك ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئون مىڭ دانە ماسكا ئەۋەتىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ «ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى» نى كۆرسەتكەن ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.