ۋىلسون مەركىزى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ 1947-يىلى ئىيۇلدا ئۈرۈمچىدىكى سوۋېت كونسۇلى ئارقىلىق موسكۋاغا ئەۋەتكەن مەكتۇبىنى ئېلان قىلغان


باش شىتابى ۋاشىنگتوندىكى ۋىلسون تەتقىقات مەركىزى يېقىندا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ 1947-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى سوۋېت كونسۇلى ساۋېليېف ئارقىلىق موسكۋاغە ئەۋەتكەن بىر پارچە مەكتۇبىنى ئېلان قىلغان.

مەزكۇر مەكتۇبقا «11 بىتىم» ئىمزالانغاندىن كېيىن ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھوكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن ئىچكىي ئىشلار نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى رەھىمجان سابىرھاجىنىڭ ئىمزاسى قويۇلغان.

مەكتۇبتا ئالدى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى بارلىق مۇسۇلمانلار نامىدىن ستالىنغا سالام يوللانغان بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ «11 بىتىم» دە بەلگىلەنگەن ماددىلار بويىچە ئۆلكىدىكى مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ ھوقۇقلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن ۋاستىچى بولۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

مەزكۇر مەكتۇبتا ئەخمەتجان قاسىمى «11 بىتىم» دىكى ماددىلارنى بىرمۇ-بىر نەقىل كەلتۈرۈپ، گەرچە تىنچلىق بىتىمى ئىمزالانغىلى ئالىقاچان بىر يىل بولغان بولسىمۇ، ئەمما يەرلىك مۇسۇلمان ئاھالىلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ ھېچقانداق كاپالەتكەن ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، «11 بىتىم» نىڭ پەقەتلا قەغەز يۈزىدىكى قۇرۇق ۋەدە بولۇپ قالغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

مەكتۇبتا يەنە بىتىم بويىچە ئۆلكە دائىرىسىدە دېمكراتىك سايلام ئۆتكۈزۈش ئىشىنىڭ گومىنداڭ ھەربىيلىرىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچراپ تولۇق ئىجرا بولمىغانلىقى، ھەممىلا جايدا تۇتقۇن قىلىش ۋە سىياسىي تەقىپلەشنىڭ ئەۋج ئالغانلىقى، تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ دەھشەتلىك رەۋىشتە باستۇرۇلغانلىقى،ھەتتا ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتتە ئىشلەۋاتقان ئىلى تەرەپ ۋەكىللىرىنىڭ قاتتىق بېسىمغا دۇچ كېلىپ، ھاياتىنىڭ تەھدىتكە ئۇچراۋاتقانلىقىدەك بىر قاتار مەسىلىلەر ساناپ ئۆتۈلگەن.

مەكتۇبنىڭ ئاخىرىدا مىللىي ئارمىيە ھەققىدە ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەن بولۇپ، بىتىمدىن كېيىن مىللىي ئارمىيەگە چىقىم قىلىنىدىغان ئىقتىسادنىڭ يېتىشمەيۋاتقانلىقىنى، 1947-يىلى 1-يانۋاردىن ئېتىبارەن ئىلى تەرەپتە مىللىي ئارمىيەنىڭ چىقىمىنى قامدىيالىغۇدەك مالىيە راسخودىنىڭ قالمىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

تارىخچىلار، ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ مەزكۇر مەكتۇبى 1947-يىلى مەسئۇد سابىرى ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتكە رەئىس بولغان، ئىلى تەرەپ بىرلەشمە ھۆكۈمەتتىن چېكىنىپ چىقىشنى قارار قىلغان، گومىنداڭ بىلەن تۈزۈشكەن«11 بىتىم» نىڭ ئەمەلىيلىشىشىدىن ھېچقانداق ئۈمىد قالمىغان بىر شارائىتتا يېزىلغان، دەپ ھېسابلىماقتا.