فرانسىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كەلگەن جىنايى قىلمىشى ‹تۈزۈملەشكەن باستۇرۇش› تۇر»

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 24-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، فرانسىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى جېنىۋ لېدرىيان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كەلگەن جىنايى قىلمىشىنى «تۈزۈملەشكەن باستۇرۇش» دەپ ئاتىغان.

لېدرىيان جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن كەلگەن گۇۋاھچىلارنىڭ بايانى ۋە تەمىنلىگەن ھۆججەتلىرى شۇنى كۆرسىتىدۇكى، ئۇيغۇرلار قەبھى ئۇسۇللار بىلەن، يەنى كەڭ-كۆلەملىك نازارەت سىستېمىسى ۋە تۈزۈملەشكەن باستۇرۇش سىستېمىسى ئارقىلىق باشقۇرۇلماقتا». لېدرىيان يەنە 2020-يىل كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ناچارلىشىپ كەتكەن بىر نەچچە رايون قاتارىدا ئۇيغۇر رايونىنى مىسالغا ئالغان.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە باش مىنىستېرى بورس جونسونمۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ: «ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بۇ جىنايى ھەرىكەت كىشىنى چۆچۈتىدۇ،» دېگەن.