G-7 دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ خروشىمادىكى يىغىنىدا خىتايغا قانداق تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسى ئاساسلىق تېما بولىدىكەن
2023.05.19
20-ماي كۈنى ياپونىيەنىڭ خىروشىما شەھىرىدە ئېچىلىدىغان «سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى» (G-7) نىڭ ئاساسلىق تېمىسىنىڭ خىتايغا تاقابىل تۇرۇش بولىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
«ۋال-سىترىت ژورنىلى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا، فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە قاتارلىق «سانائەتلەشكەن يەتتە دۆلەت گۇرۇھى» رەھبەرلىرى خىرۇشىما يىغىنىدا نۆۋەتتىكى يەر شارى خاراكتېرلىق مۇھىم مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇنىڭ ئىچىدە خىتاينىڭ دۇنيا سىياسىي-ئىقتىسادىي سىستېمىسىغا كۆرسىتىۋاتقان خىرسلىرى ۋە تەسىر كۈچىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش، پاكىزە ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش مەسىلىلىرى ئاساسلىق مۇھاكىمە تېمىسى بولىدىكەن.
خەۋەردە دىيىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى بۇ يىغىن ھەققىدە، «سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت رەھبەرلىرى بۇ ئۇچرىشىشتا ‹خىتايدىن ئايرىلىش ئەمەس، خەتەردىن ساقلىنىش› پىلانى بويىچە ھەرىكەت قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەيدۇ، شۇنداقلا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ۋە ئۇنىڭ دۇنيا تەرتىپىگە ئۇيغۇن بولمىغان ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلىدۇ» دېگەن. ئۇ يەنە سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ بۇ يىغىن ئارقىلىق، خىتاينىڭ دۇنيادا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىقتىسادىي زومىگەرلىك سىياسەتلىرىنى ئاياغلاشتۇرۇشى ئۈچۈن، بېسىم شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى بايدېن خىروشىمادا يەنە ئاۋستىرالىيە، ھىندىستان ۋە ئەنگلىيەدىن تەركىب تاپقان تۆت تەرەپلىك خەۋپسىزلىك دىيالوگى (Quad) دۆلەتلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشىدىكەن. ئۇلارنىڭ بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشىنىڭ ئاساسلىق نوقتىسىمۇ خىتاي تەھدىتىگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىش بولىدىكەن.