مايك گالاگېر: «BGI خىتاي ئارمىيەسى بىلەن بىرلىشىپ ئۇيغۇرلار گېنىنىڭ كېسەلگە قارشى ئىقتىدارىنى تەتقىق قىلغان»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.03.08

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى، ئاۋام پالاتاسىنىڭ خىتاي ئىستىراتېگىيەلىك رىقابەت ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايك گاللاگېر بۇ كومىتېتنىڭ 7-مارت كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق گۇۋاھلىق يىغىنىدا، خىتايدىكى ئەڭ چوڭ گېن تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ بىرى بولغان بېيجىڭ گېن ئىنىستىتۇتى (BGI)نىڭ خىتاي ئارمىيەسى بىلەن بىرلىشىپ، ئۇيغۇرلار گېنىنىڭ كېسەلگە تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىممۇنت ئىقتىدارى ئۈستىدىن بىرلەشمە تەتقىقات ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بېيجىڭ گېن تەتقىقات ئىنستىتۇتى ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر گېن ئامبىرى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ئۇلارنىڭ DNA ئۇچۇرلىرىدىن پايدىلىنىشىغا ياردەم بېرىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن. ئىلگىرى يەنە خىتاي ئارمىيەسى تېببىي تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ گېن ئالاھىدىلىكلىرىنى تەتقىق قىلغانلىقىغا ئائىت خەۋەرلەر بېرىلگەن ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، مايك گاللاگېر ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي ئىستىراتېگىيەلىك رىقابەت ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ 7-مارت ئۆتكۈزۈلگەن «بىئو-ئىقتىساد ۋە ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى» ناملىق گۇۋاھلىق يىغىنىدا يۇقىرىقى ئاگاھلاندۇرۇشنى بەرگەن.

مايك گاللاگېر مۇنداق دېگەن: «بېيجىڭ گېن ئىنستىتۇتى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ DNA ئامبىرى قۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن. شۇنداقلا بۇ شىركەت (خىتاي) خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش گېن ئالاھىدىلىكىنى بىلىش ئۈچۈن بىرلەشمە تەتقىقات ئېلىپ بارغان.»

مايك گاللاگېرنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقى بېيجىڭ گېن ئىنستىتۇتىنى «ھەربىي كارخانا» دەپ بېكىتكەن، شۇنداقلا ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى بۇ شىركەتنىڭ دەپسەندىچىلىك خاراكتېرلىك DNA ئەۋرىشكىلىرىنى توپلىشى ۋە بۇنى شىنجاڭدىكى ئاھالىلەرنى باستۇرۇشتا قوللىنىشقا ياردەم بېرىشى سەۋەبىدىن ‍ئېمبارگو قويغان ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2016-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان كەڭ كۆلەملىك مەجبۇرى ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ كېيىنرەك ئۇيغۇرلارنىڭ DNA ئامبىرىنى قۇرۇش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقى مەلۇم بولغان. ھالبۇكى، مايك گاللگېر گۇۋاھلىق يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە بېيجىڭ گېن ئىنستىتۇتىنىڭ خىتاي ئارمىيەسى بىلەن قانداق مەقسەتتە بۇ تەتقىقاتنى ئېلىپ بارغانلىقى ۋە بۇ تەتقىقاتنىڭ قانداق نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشقانلىقىغا چۈشەنچە بەرمىگەن. ئامېرىكا بىئو-تېخنولوگىيە بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ گۇۋاھلىق يىغىنىدا قەيت قىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ئامېرىكانىڭ بىئو-تېخنولوگىيە ساھەسىدىكى ‍ئۈستۈنلۈكىگە جىددىي خىرىس پەيدا قىلماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.