گېرمانىيە ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق تۈپەيلى ۋولكىسۋاگېننىڭ خىتايدىكى خەۋپسىزلىك سۇغۇرتا كاپالەت تەلىپىنى رەت قىلغان

گېرمانىيە ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق تۈپەيلى داڭلىق گېرمانىيە ئاپتوموبىل شىركىتى-ۋولكېسۋاگېننىڭ خىتايدىكى سودا مەشغۇلاتى ئۈچۈن خەۋپسىزلىك سۇغۇرتا كاپالىتى بېرىش تەلىپىنى رەت قىلغان. «ۋول ستېرېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېرلىننىڭ بۇ ھەرىكىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى دەپسەندە قىلىشىغا قارىتا ئۇنىڭ بېيجىڭغا تۇتقان پوزىتسىيەسىدە ئ‍ۆزگىرىش بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدىكەن. گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارى خىتاينىڭ لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىغا ئائىت «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە كىشىلىك ھوقۇقنى تەكىتلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە، دەپ قارالماقتا.

«ۋول ستېرېت ژۇرنىلى» نىڭ ئېيتىشىچە، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بۇ قارارىنى رەسمىي ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، بىراق ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەر بۇنى دەلىللىگەن. خەۋەردە، بۇ قارار تۇنجى قېتىم خىتايغا مەبلەغ سالغان گېرمانىيە شىركەتلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى بىلەن باغلاش جەھەتتە بىر ئۈلگە ياراتقانلىقى تەكىتلەنگەن.
بۇنىڭ ئالدىدا گېرمانىيە ئىقتىساد مىنىستىرى روبېرت ھابېك «مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئۇيغۇرلارنى خورلاۋاتقان ئەھۋالدا، بىز شىنجاڭ رايونىدىكى ھەر قانداق تۈر ئۈچۈن سۇغۇرتا كاپالىتى بېرەلمەيمىز» دېگەن. ۋولكېسۋاگېننىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ھېربېرت دائىس ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى گېرمانىيەنىڭ N-TV قانىلىدا ۋولكېسۋاگېننىڭ خىتايغا بولغان ئەھدى ۋە شىنجاڭدىكى زاۋۇتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

ۋولكىسۋاگېننىڭ خەۋپسىزلىك سۇغۇرتا كېپىللىك ئىلتىماسىنىڭ رەت قىلىنىشى، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى گېرمانىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە قايتا تەڭشەپ، ئۇنىڭ خىتايغا بولغان ئىستراتېگىيەلىك ۋە ئىقتىسادى بېقىنىشىنى ئازايتىشقا كىرىشكەن بىر پەيتكە توغرا كەلگەن.