مالايشىيا دائىرىلىرىنىڭ شەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، خىتاي تەرەپ ئۆز سۇنىيى ھەمراھىنىڭ ھىندى ئوكياندا لەيلەپ تۇرغان بىر جىسىمنى بايقىغانلىقىنى ئېيتقان. ئېيتىلىشىچە بۇ نەچچە ئون كۈندىن بۇيان ئىز - دېرىكى بولمىغان HM - 370 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
بۇ جاينىڭ ئالدىنقى بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئاۋسترالىيە دائىرىلىرى تەكشۈرگەن جاي بىلەن بىر يەردە ياكى ئەمەسلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.
مالايشىيا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھىسامىدىن ھۈسەيىن ئايروپىلان پارچىسى بولۇشى مۇمكىنچىلىكى بولغان بۇ لەيلىمە جىسىمنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ھەربىي پاراخوتلارنى ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ HM - 370 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى يوقاپ كەتكەندىن بۇيانقى ئەڭ يېڭى ۋە يىپ ئۇچى ئىكەن.
239 يولۇچى بېسىلغان مەزكۇر ئايروپىلان 8 - مارت بېيجىڭغا قاراپ ئۇچۇپ كېتىۋاتقاندا يوقاپ كەتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە ئايروپىلاندىكى يولۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى خىتاي پۇقرالىرى ئىكەن.