غۇلجىدا بىر قىسىم پاھىشە گۇماندارلىرى تۇتقۇن قىلىندى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2014.07.15


خىتاينىڭ قانۇن تورىنىڭ 15 - ئىيۇلدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، غۇلجا شەھرىدە ئېلىپ بېرىلغان بىر يىللىق تېررورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە، ساقچىلار غۇلجا شەھىرىدىكى مېھمانخانىلارغا ئومۇمىيۈزلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى ئېغىر دەپ قارالغان بىر قىسىم گۇمانلىق كىشىلەرنى رازۋېتكا قىلىش جەريانىدا بەزى شەخسىي مېھمانخانىلارنىڭ پاھىشە سورۇنلىرىغا ئايلانغانلىقىنى ئېنىقلاپ، ئۆتكەن ھەپتە ئىچىدە 11 گۇماندارنى تۇتقان.

خەۋەردە يېزىلىشىچە، بۇ قېتىمقى تۇتقۇن قىلىش پۇقرالار پاش قىلغان يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلغان.

زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار يېقىندىن بۇيان غۇلجىدىكى بىر قىسىم شەخسىي مېھمانخانىلارنىڭ خوجايىنلىرى تاكسى شوپۇرلىرى بىلەن بىرلىشىپ، يولۇچىلارنى پاھىشىلەر مۇلازىمەت قىلىدىغان مېھمانخانىلارغا مەجبۇرى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنى قاقتى - سوقتى قىلغانلىقى ئۈستىدىن ساقچىخانىلارغا دېلو مەلۇم قىلغاندىن كېيىن ساقچىلار ھەركەت قوللانغان.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىگە ئىچكىرى خىتايدىن كەلگەن كۆچمەنلەر ئارىسىدا ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا مېھمانخانا، ساتراچخانا، ھور مۇنچا، ئۇۋىلاش ئۆيى قاتارلىق مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنى ئاچىدىغانلار ئاشقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا مەخپىي پاھىشىلىقنى يولغا قويغانلارمۇ كۆپەيگەن. بۇ ئەھۋاللار ئاھالىلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقلىرى قوزغاپ، بىر قاتار ھۇجۇم ۋەقەلىرىگە سەۋەب بولغانلىقى ئىنكاس قىلىنغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.