خىتاينىڭ غۇلجا بىلەن ئاقسۇنى تۆمۈريول ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇش پىلانى يېقىندا ئىش باشلايدۇ

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى ئۆزگەرتىش پىلانىنىڭ بىر قىسمى بولغان غۇلجا بىلەن ئاقسۇنى تۆمۈريول ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇش پىلانى ئاشكارىلاندى.

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ بىر قىسمى بولغان ئارال-ئاقسۇ تۆمۈريول قۇرۇلۇشى بۇ يىل 5-ئايدا باشلايدىكەن. 114 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بۇ تۆمۈريول قۇرۇلۇشىغا 3 مىليارد 500 مىليون مەبلەغ ئاجرىتىلغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە، بۇ قۇرۇلۇش «بىڭتۇەننىڭ جەنۇبقا كېڭىيىشىنى تېزلىتىپ، تۆمۈريول لىنىيەسىگە جايلاشقان شەھەر، ناھىيەلەردىكى سانائەت رايونلىرىنىڭ مال ئالماشتۇرۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدىكەن».

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، لاگېرلارغا قاماش بىلەن بىر ۋاقىتتا، نۇرغۇن كارخانىلارنى بۇ ناھىيە، شەھەرلەرگە يۆتكەپ چىقىپ، «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا لاگېرلاردىكى نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى بۇ كارخانىلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقا باشلىغان. ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش توغرىسىدىكى ئالاقىدار خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ، دەپ ئەيىبلەنگەن. بەزى خەلقئارا شىركەتلەر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بېسىمىدا رايوندىكى بۇ زاۋۇتلار بىلەن بولغان مال توختاملىرىنى بىكار قىلغانىدى.

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ئارال-ئاقسۇ تۆمۈريول قۇرۇلۇشى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا «تۆت تىك، تۆت تەكشى» تۆمۈريول تورى بەرپا قىلىش پىلانىدىكى ئالتاي-قاراماي-غۇلجا-ئاقسۇ تۆمۈريولىنىڭ بىر ھالقىسى بولۇپ، ئەگەر بۇ تۆمۈريول پۈتسە ئالتايدىن يولغا چىققان پويىز ئۈرۈمچى، تۇرپاننى ئايلىنىپ ئۆتمەي قاراماي، غۇلجا ئارقىلىق ئۇدۇل ئاقسۇ ۋە ئارالغا بارالايدىكەن.