ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى نامايىش ۋە باشقا قارشىلىق ھەرىكەتلىرى كۈچەيگەن مەزگىلدە، خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى تېررورلۇققا قارشى جىددىي ھالەتكە ئۆتكەن.
«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» نىڭ 10 - ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر خەۋەرنى بۇ ئىشتىن تولۇق خەۋەردار ئىككى كىشى ئاشكارىلىغان.
گېزىتكە ئۇچۇر يەتكۈزگۈچى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ بۇ خىل جىددىي ھالەتكە ئۆتىشىگە گۇاڭدۇڭنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرايدىغانلىقغا ئائىت يىپ ئۇچى سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ بۇ خىل جىددىي ھالەتكە ئۆتۈشىگە يەنە ئۇيغۇر ئېلىدە بولۇۋاتقان توقۇنۇشلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتالمىش «ئىراق شام دۆلىتى» تەۋەسىدە تەربىيىلىنىۋاتقانلىقىغا ئائىت خەۋەرلەرمۇ سەۋەب بولغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
دائىرىلەر بۇ خىل جىددىي ھالەتنى بىر ھەپتە ئىلگىرىلا يولغا قويغان ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 109 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرىنى خىتايغا مەجبۇرىي ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن، بۇ دۇنيا خاراكتېرلىك نەپرەت قوزغىغان. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ۋە تۈركلەر 8 - ۋە 9 - ئىيۇل نامايىش قىلىپ، تۈركىيەدىكى تايلاند ئەلچىخانىسىغا بېسىپ كىرگەن ۋە خىتاي ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلغان.
بۇنىڭ بىلەن تايلاند تۈركىيەدىكى ئەلچىخانىسىنى ۋاقىتلىق تاقىغان.
ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيەگە ساياھەت قىلىدىغان پۇقرالىرىغا بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئەۋەتكەن ئىدى.