ئۇيغۇر كومپوزىتور گۈلدىيار تەڭرىتاغلى «ئەڭ ياخشى تېلېۋىزىيە تىياتىرى مۇزىكىسى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.09.12

تونۇلغان ئۇيغۇر مۇزىكانت ۋە كومپوزىتور گۈلدىيار تەڭرىتاغلى تۈركىيەدىكى نوپۇزلۇق جەمئىيەتلەردىن بولغان «فىلىم سانائىتى ۋە سەنئەتچىلەرنى كۈچەيتىش فوندى جەمئىيىتى ( Film-San) تەرىپىدىن تارقىتىلغان «فىلىم ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرى مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن.

گۈلدىيار تەڭرىتاغلى بۇ مۇكاپاتنى تېلېۋىزىيە تىياتىرى مۇزىكىسى تۈرى بويىچە ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭ «يالى چاپقىنى» ناملىق قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئۈچۈن ئىشلىگەن مۇزىكىسى «ئەڭ ياخشى تېلېۋىزىيە تىياتىرى مۇزىكىسى» بولۇپ باھالانغان.

گۈلدىيار تەڭرىتاغلى تۈركىيەدىكى «ستار تېلېۋىزىيەسى قانىلى» دا تارقىتىلىۋاتقان داڭلىق تېلېۋىزىيە فىلىمى «يالى چاپقىنى» (Yalý Çapkýný) نىڭ مۇزىكا كومپوزىتورى بولۇپ، بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى ھەم ۋەقەلىكى ھەم ئارتىسلىرى ھەم بىر-بىرىدىن لەرزان مۇزىكىلىرى بىلەن كۈچلۈك ئالقىشقا ئېرىشكەن ئىدى.

5 ياش ۋاقتىدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تۈركىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن گۈلدىيار كىچىكىدىن باشلاپ پىيانىنو دەرسى ئېلىشقا باشلىغان. ئۇ تۈركىيەدىكى مىمار سىنان گۈزەل-سەنئەت ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئاۋسترىيەگە بېرىپ موزارت سالزبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوركېستىر پىئانىنو كەسپىدە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

ئۇ ئوقۇش جەريانىدا ئاۋسترىيە ۋە تۈركىيەدە نۇرغۇن كونسېرتلارنى بەرگەن. گۈلدىيار ئاۋسترىيەدە سەككىز يىل ئوقۇغاندىن كېيىن تۈركىيەگە قايتىپ كەلگەن.

گۈلدىيار تەڭرىتاغلى ھازىرغىچە تۈركىيەدە كۆپلىگەن فىلىم ۋە قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ مۇزىكىلىرىنى ئىشلىگەن بولۇپ، «ئاچچىق ئالما»، «بابام»، «شاھانە ھاياتىم» ۋە «يالى چاپقىنى» قاتارلىقلار بۇلاردىن ئىچىدىكى پەقەت بىر قانچىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ يەنە «راخمانىنوف ئاناتولىيان پروجېكتى» ۋە «مۇلھەم» ناملىق CD پىلاستىنكىلىرىمۇ تۈركىيەدە بازارغا سېلىنىپ ئالقىشقا ئېرىشكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.