ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى دىك دۇربىن گۈلشەن ئابباس قاتارلىق خىتاي تۈرمىسىدىكى تۇتقۇنلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان
2024.05.22
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى دىك دۇربىن (Dick Durbin)، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېندىن ناھەق تۇتقۇن قىلىنىپ خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان گۈلشەن ئابباس قاتارلىق تۇتقۇنلارنى قۇتقۇزۇشىنى تەلەپ قىلغان.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى دىك دۇربىننىڭ X تە 2024-يىلى 5-ئاينىڭ 22 كۈنى ئېلان قىلغان ۋېدىيولۇق ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، دىك دۇربىن گۈلشەن ئابباس دېلوسىنى قايتا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېندىن خىتايدا گۈلشەن ئابباس قاتارلىق خىتاي تۈرمىسىدە ناھەق يېتىۋاتقان تۇتقۇنلارنى قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلغان.
دوختۇر گۈلشەن ئابباس 2018-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا تۇتقۇن قىلىنىپ، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «تېررورلۇق ھەرىكىتى ئۇيۇشتۇرۇشقا قاتنىشىش، ئۇنىڭغا ياردەم قىلىش ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپنى قالايمىقان قىلىش» بىلەن ئەيىبلەنگەن، شۇنداقلا 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.
گۈلشەن ئابباسنىڭ ئامېرىكادىكى قىزى زىبا مۇرات ئانىسىنىڭ دېلوسىنى ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېننىڭ سەمىگە سالغان ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى دىك دۇربىنغا X تە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتقان.
مەلۇمكى، 2017-يىلىدىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان زور كۆلەملىك تۇتقۇنىدا مىڭلىغان ئۇيغۇر سەرخىللىرى، شۇ جۈملىدىن خالمۇرات غوپۇر، تاشپولات تىيىپ، يالقۇن روزى، پەرھات تۇرسۇن، ئابدۇقادىر جالالىدىن، قۇربان مامۇت، راھىلە داۋۇت، ئارسلان ئابدۇللا، ئابلىز ئورخۇن قاتارلىق ئاتاقلىق بىلىم ئادەملىرى تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ 43 نەپەر ئەزاسى 2024-يىلى 8-مارت كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېن بىلەن ئامېرىكانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لىندا توماس گرېنفىلد خانىمغا ئىمزالىق مەكتۇپ يېزىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ناھەق تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ، جۈملىدىن خىتاي تۈرمىسىدىكى گۈلشەن ئابباس، كامىلە ۋاھىت، قۇربان مامۇت، ئەخمەتجان جۈمە قاتارلىق تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن خىتايغا ئاشكارا بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.