خوتەن شەھەرلىك دائىرىلەر 1-فېۋرالدىن ئېتىبارەن ھەرقانداق شەكىلدىكى ھاشارنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى قارار قىلغان


ئىگىلىنىشىچە، خوتەن شەھەرلىك دائىرىلەر مەخسۇس قارار ئېلان قىلىپ، بۇ يىل 1-فېۋرالدىن ئېتىبارەن ھەرقانداق شەكىلدىكى ھەقسىز ئەمگەكنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خوتەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت تورىغا چاپلانغان بۇ قاراردا بۇنىڭدىن كېيىن خوتەن شەھىرى مىقياسىدىكى بارلىق يېزا-بازار ۋە كەنتلەردىكى ھاشار خاراكتېرىنى ئالغان ھەقسىز ئەمگەكلەرنىڭ بىردەك بىكار قىلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

مەزكۇر قاراردا مۇنداق دېيىلگەن: «ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، دېھقانلار ئاممىسىنىڭ يۈكىنى مەنبەسىدىن يەڭگىلىتىش، ئاساسىي قاتلاملاردىكى زىددىيەتلەرنى پەسەيتىش ۋە يېزا-كەنت كادىرلىرىنىڭ ئىستىلىنى ياخشىلاش ئۈچۈن شەھەرلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى بۈگۈندىن باشلاپ، شەھەر مىقياسىدا ھەرقانداق شەكىلدىكى ھەقسىز ئەمگەكنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلدى.»

مەزكۇر قاراردا يەنە خوتەندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سېكرىتارلىرى بۇ قارارنى ئىجرا قىلىشتىكى بىرىنچى مەسئۇل كىشى، دەپ بېكىتىلگەن.

مەلۇمكى، خوتەن ۋىلايىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە يەرلىك ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ زىممىسىدىكى ھاشار سېلىقى ئەڭ ئېغىر رايون بولۇپ، بۇنداق ھەقسىز ئەمگەكنىڭ ۋاقتى ھەتتا بىرقانچە ئايغىچە سوزۇلىدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ ھېچقانداق ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلىرىدا مەۋجۇت بولمىغان ھاشار ئەمگىكىنىڭ پەقەتلا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى ۋىلايەتلەردە يىللارچە داۋاملىشىپ كەلگەنلىكىنى، نۆۋەتتە ئاساسىي قاتلامدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يەرلىك دائىرىلەرنى بۇ قارارنى ئېلىشقا مەجبۇر قىلغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.