سىبىرىيەدىن كىرگەن سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە ئۈرۈمچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى داۋاملىق تۆۋەنلەيدىكەن

ئىگىلىنىشىچە، سىبېرىيەدىن كىرگەن كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى 16-نويابىر كېچىدىن 17-نويابىرغىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىگە قاتتىق تەسىر كۆرسەتكەن.

گەرچە سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كىرگەن مەزگىلدە ئۈرۈمچىدە قار ياغمىغان بولسىمۇ، ئەمما تېمپېراتۇرا شىددەت بىلەن تۆۋەنلىگەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھاۋارايىنى كۆزىتىش ئىستانسى بەرگەن مەلۇماتقا قارىغاندا، كەلگۈسى بىرقانچە كۈن ئىچىدە ئۈرۈمچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى داۋاملىق تۆۋەنلەپ، ئوتتۇرىھال قار ياغىدىكەن.

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاھالىلىرى بۇ يىل ئۈرۈمچىدە خازانلار تېخى تەل-تۆكۈس تۆكۈلمەي تۇرۇپلا كەچكۈزنىڭ غايىپ بولۇپ، زېمىستان قىشنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇمكى، ئۈرۈمچى تىپىك ئىچكىي قۇرۇقلۇق ئىقلىمىغا مەنسۇپ بىر شەھەر بولسىمۇ، لېكىن تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقانلىقى ئۈچۈن ھەر يىلى قىشتا سىبىرىيەدىن كىرىدىغان سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۈرۈمچىنىڭ ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ تېز سۈرئەتتە يېڭىلىنىشى، شەھەر كۆلىمىنىڭ زورىيىشى بىلەن شەھەر نوپۇسى شىددەت بىلەن كۆپىيىپ، ئەسلىدىكى 1 مىليۇندىن ئارتۇق ئاھالىگە ئىگە ئوتتۇرىھال شەھەردىن بىراقلا 5 مىليۇن نوپۇس ياشايدىغان چوڭ شەھەرگە ئايلانغان. بۇ ھال ئۈرۈمچىنىڭ سۇ، مۇھىت ۋە ئىسسىنىش مەسىلىلىرىدە جىددىيچىلىك پەيدا قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

بۇ يىل نويابىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدە تېمپېراتۇرىنىڭ بىراقلا تۆۋەنلەپ كېتىشى ئاقما نوپۇسى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كەتكەن بۇ شەھەرنىڭ قىشلىق ئىسسىنىش مەسىلىسىگە سوئال پەيدا قىلماقتىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، 18-نويابىرىدىن ھەپتە ئاخىرىغىچە تېمپېراتۇرا داۋاملىق تۆۋەنلەپ ئۈرۈمچى ئاساسىي شەھەر رايونىدا كۈندۈزدىكى تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 8 سېلسىيە گىرادۇس، ئەتىگەن ۋە كەچتىكى تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 15 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولىدىكەن. جەنۇبىي شەھەر رايونى بىلەن ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى ھەتتا نۆلدىن تۆۋەن 20 سېلسىيە گىرادۇسقا يېقىنلىشىدىكەن.