خىتاينىڭ خوتەندىكى ھەربىي ئايرودۇرۇمى ھىندىستان ئۈچۈن جىددىي تەھدىت بولماقتا
2024.09.09
خىتاي-ھىندىستان چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ گالۋان جىلغىسىدىكى توقۇنۇشىدىن تۆت كۈن ئۆتكەندە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى جىددىيلىك پەسىيىپ قالغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما كۆرۈنۈشتىكى بۇ تىنچلىقتا ئىككى دۆلەت يەنىلا بىر خىل بىئارامچىلىقتا تۇرماقتا ئىكەن.
ھىندىستان «تۇنجى پوچتا» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھىندىستان بىلەن بولغان ئەمىلى چېگرا كونترول لىنىيەسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ خوتەن ۋە تىبەتتىكى شىگاتسې ئايرودۇرۇملىرىغا J-20 تىپلىق 5-ئەۋلاد ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى ھىندىستاننى ئەندىشىگە سالماقتا ئىكەن. خەۋەرلەردە، خوتەن ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ قاداقتىكى پانگوڭسۇ كۆلىنىڭ شىمالىغا 350 كىلومېتىر، ئۇنىڭ ھىندىستان ئىگىلىك ھوقۇق دەۋاسى قىلىۋاتقان ئاقسايچىن چېگرا لىنىيەسىگە پەقەت 150 كىلومېتىر كېلىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.
ھالبۇكى، «تۇنجى پوچتا» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تىبەتتىكى شىگاتسې ھاۋا ئارمىيە بازىسى ھىندىستاننىڭ خاسىمارادىكى رافالې ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا 300 كىلومېتىر، سىككىم ئەمىلى چېگرا كونترول لىنىيەسىگە پەقەت 150 كىلومېتىر كېلىدىكەن. خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى خوتەن ئايرودۇرۇمى 1957-يىلى ياسالغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا خىتاي يەنە لاداق چېگراسىدىكى ئاقسايچىن تاش يولىنىمۇ ياسىغان.
«تۇنجى پوچتا» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خوتەن ئايرودۇرۇمى ھەربىي ۋە خەلق ئاۋىياتسىيە ئىشلىرىدا تەڭ قوللىنىدىغان قوش مەقسەتلىك ئايرودۇرۇم بولۇپ، بۇ ئايرودۇرۇم خىتاينىڭ لاداق رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە ھالقىلىق رول ئوينايدىكەن. نۆۋەتتە، خوتەن ئايرودۇرۇمىنىڭ ھەر ئىككى ئۇچۇش يولى ئاكتىپ مەشغۇلاتتا بولۇپ، بۇ ئايرودۇرۇمدا يەنە نۇرغۇن ھەربىي ئەسلىھەلەر ۋە ئايروپىلان توختىتىش ئورۇنلىرى قۇرۇلغان. «تۇنجى پوچتا» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھىندىستان خىتاينىڭ بۇ رايونلاردىكى ھەربىي تەرەققىياتىغا تاقابىل تۇرماقچى بولسا ئۆزىنىڭ چېگرادىكى يېڭى ئەۋلاد ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى كۆپەيتىشى، شۇنداقلا سۈنئىي ھەمراھ ۋە رازۋېدكا ئايروپىلانلىرىنىڭ بۇ كۆزىتىش ۋە ئىستىخبارات توپلاش ئىقتىدارىنى جىددىي كۈچەيتىشى كېرەك ئىكەن.