ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە بىرلىشىپ، 40 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىكەن

ئامېرىكا ئارمىيەسى ھىندى ئوكيان قوماندانلىق شتابىنىڭ 2-ئاۋغۇست كۈنى ئېلان قىلىشىچە، ئامېرىكا پات ئارىدا ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە بىلەن بىرلىشىپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىكەن ۋە بۇ مانېۋىر بىر ئايغا يېقىن داۋاملىشىدىكەن.

بۇ مانېۋىردا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ئەنگلىيە خانلىق ئارمىيەسى، ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى ۋە ياپونىيە قوغدىنىش ئارمىيەسى بىلەن بىرلىشىپ، «2021-يىللىق دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ھەربىي مانېۋىر» ئۆتكۈزىدىكەن، بۇ 40 يىلدىن بۇيان دۇنيا مىقياسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئەڭ چوڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر بولۇپ قالىدىكەن. بۇ مانېۋىرغا ئامېرىكا ئارمىيەسىدىن 50 بىرلىك قاتنىشىدىكەن، ئاۋىئاماتكا (ئوچاق كېمىسى) ۋە سۇ ئاستى كېمىسى بولۇپ، جەمئىي 36 ھەربىي ئەسلىھە ئىشلىتىلىدىكەن.

ئامېرىكا ھىندى ئوكيان قوماندانلىق شتابى ئامېرىكانىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئۆز ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، رايون تىنچلىقى، قانۇنغا تايانغان خەلقئارا تەرتىپ، ئۇچۇر-ئالاقە ۋە قاتناش يوللىرىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ھىندى ئوكيان رايونىدا ئېچىۋېتىلگەن مۇھىت بەرپا قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. مۇتەخەسسىسلەر بولسا بۇ مانېۋىرنى ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ھىندى ئوكيان رايونىدىكى توقۇنۇشنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەنلىكى خىتاي بىلەن رۇسىيەگە كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارىدىغان زور كۆلەملىك ھەرىكىتى دەپ قارىماقتىكەن.