ھىلارىي كلىنتون دېموكراتلار پارتىيەسىدىن پرېزىدېنت نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلدى

ھىلارىي كلىنتون خانىم دېموكراتلار پارتىيىسى تەرىپىدىن بۇ نۆۋەتلىك ئامېرىكا پرېزىدېنتلىق نامزاتىغا كۆرسىتىلىپ، ئامېرىكا تارىخىدا پرېزىدېنت نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن تۇنجى ئايال بولۇپ قالدى.

ھىلارىي كلىنتون سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى بىل كلىنتوننىڭ خانىمى بولۇپ، ئۇ 2009-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغان.

ئۇ سەيشەنبە كۈنى كەچ فىلادېلفىيە شەھىرىدە چاقىرىلغان 2016-يىللىق دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن ئىدى.

ئۇ، مۇراسىمدا ئۆز پارتىيەسىنىڭ نامزاتلىقىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى جاكارلاپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر ھازىر ئۇخلىماي بۇ پائالىيەتنى كۆرۈۋاتقان كىچىك قىزلار بولسا، مەن شۇنى ئېيتاي: بەلكىم مەن تۇنجى ئايال پرېزىدېنت بولۇپ قېلىشىم مۇمكىن، ئەمما ئاراڭلاردىكى بىرىڭلار چوقۇم كەلگۈسىدىكى [ئايال] پرېزىدېنت بولىسىلەر.»

سابىق پرېزىدېنت كلىنتون ئەپەندى رەپىقىسى ھىلارىي خانىمغا يۇقىرى باھا بەردى ۋە ئۇنىڭ ئامېرىكا نۆۋەتتە يولۇقۇۋاتقان خەتەرلەرنى پەسەيتەلەيدىغان بىردىن ‏-بىر نامزات ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ نۆۋەتلىك ئامېرىكا پرېزىدېنتلىق سايلىمى دۇنيا مىقياسىدا، جۈملىدىن ئامېرىكىدا تېررورلۇق ھۇجۇملىرى بىر قەدەر كۆپ كۆرۈلىگەن مەزگىلگە توغرا كەلدى.
ئامېرىكىدا ئۆتكەن 8 ئاي ئىچىدىلا ئىككى قېتىم تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرگەن. بۇلارنىڭ بىرى ئۆتكەن يىلى 2-دېكابىر كالفورنىيەنىڭ سان بېناردىنو شەھىرىدە، يەنە بىر بۇ يىل 13-ئىيۇن فلورىدا شتاتىنىڭ ئورلاندو شەھىرىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرى. بۇ ھۇجۇملاردا ئاز دېگەندە 63 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 70 تىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان ئىدى.

ھىلارىي كلىنتون بۇ يۇل 8-نويابىر ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكا پرېزىدېنتلىق سايلىمىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن دونالد ترامپ بىلەن رىقابەتكە چۈشىدۇ.

ئەگەر ئۇ بۇ نۆۋەتلىك سايلامدا ئۇتۇپ چىقالىسا، ئامېرىكا تارىخىدا سايلانغان تۇنجى ئايال پرېزىدېنت بولۇپ قالىدۇ.