ھىندىستان بىلەن خىتاي تالاش-تارتىشتىكى لاداق چېگراسىنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئەسكەر كۆپەيتكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-06-22
Share

ھىندىستان بىلەن خىتاي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا چېگراداش بولغان تالاش-تارتىشتىكى لاداق چېگراسىنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئەسكەر كۆپەيتكەن. ئىككى تەرەپنىڭ لاداق چېگراسىدا ئەسكەر كۆپەيتكەنلىكى ئامېرىكادىكى «Planét Leb» شىركىتىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە تارتقان سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدە ئاشكارىلانغان. خەلقئارا ئىستىراتېگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ 18-ئىيۇن كۈنى بىلدۈرۈشىچە، «ئىشەنچلىك پاكىتلار ھىندىستان-خىتاي ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي چېگرا كونترول سىزىقىنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئەسكەرلىرىنى كۆرۈنەرلىك كۆپەيتكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە» ئىكەن.

خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئاقسايچىندىكى ئەمەلىي چېگرا كونترول سىزىقىدىن ئۆتۈپ، ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى يەرلەردە چېدىر قۇرۇشى ھىندىستان-خىتاي چېگرا قىسىملىرىنىڭ توقۇنۇشىنى پەيدا قىلغان. تاش-توقماقلار بىلەن بولغان توقۇنۇشتا ھىندىستاننىڭ 20 ئەسكىرى ئۆلۈپ، 70 نەچچە ئەسكىرى يارىلانغان. لېكىن خىتاي تەرەپ قانچە ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلىپ باقمىغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بەزى سابىق ھىندىستان ھەربىي ئەمەلدارلىرى خىتاي تەرەپتىن 40 تەك ئەسكەرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خەلقئارا ئىستراتېگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي تەرەپ لاداق چېگراسىدىكى ئەسكەرلىرىنى بۇرۇنقى 500-600 دىن ھازىرقى 1000-1500 گە كۆپەيتكەن.

مەزكۇر ئورۇن يەنە خىتاينىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدا تۇرۇشلۇق 6-مېخانىكلاشقان دېۋىزىيەسىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، چېگرا تەرەپكە يۆتكىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن خەلقئارا ئىستراتېگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئىككى تەرەپ چېگرادا ئەسكەر كۆپەيتكەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تەرەپ لاداقنىڭ ئەمەلىي كونترول سىزىقىغا يېقىن جايدا قۇرغان چېدىرلىرىنى يۆتكەپ كەتكەن. خەۋەرلەردە خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ بۇ جايدا قۇرغان چېدىرى ئىككى تەرەپنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى توقۇنۇشىغا سەۋەب بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ كەلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت