ھىندىستانلىق سىياسىيون خىتاينى ناتسىست گېرمانىيەسىگە ئوخشاتتى

ھىندىستانلىق سىياسىيون خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىنىڭ ناتسىست گېرمانىيەسىنىڭ بارلىق خاراكتېرىنى تولۇق نامايان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھىندىستان مەغالايا شىتاتىنىڭ باشلىقى تاتھاگاتا روي «ھازىرقى ۋاقىت خەۋەرلىرى» تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان ۋەھشىيانە زۇلۇملىرىنىڭ ناتسىستلارنىڭ يەھۇدىي ۋە جىپسىي قاتارلىقلارغا قىلغانلىرىغا تۈپتىن ئوخشايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئەركىن سودا مېتودى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن بىر پارتىيەلىك مۇستەبىت ھاكىمىيەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ناتسىست گېرمانىيەسىنىڭ بارلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا زۇلۇم سىياسەتلىرى دۇنياۋى ئەيىبلەشلەر ئۇچرىغاندىن باشقا، ئامېرىكا خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئەمەلىي جازا تەدبىرلىرى قوللانغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 9-ئىيۇن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك 4 نەپەر خىتاي ئەمەلدارىغا ماگنىسىتكي قانۇنى بويىچە جازا ئېلان قىلغان.

بۇ ئەمەلدارلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق سېكرېتارى جۇ خەيلۇن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جاما'ئەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ نازىرى ۋاڭ مىڭشەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جاما'ئەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى خۇ ليۇجۈن قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بۇ ھەقتىكى باياناتىدا يۇقىرىقىلاردىن سىرت يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇمدا رولى بار، دەپ قارالغان باشقا خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭمۇ ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى سىتىۋىن مىنۇچىن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «ئامېرىكا مالىيە كۈچىدىن تولۇق پايدىلىنىپ تۇرۇپ، شىنجاڭ ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچىلارنى جاۋابكارلىققا تارتىشقا ۋەدە بېرىدۇ،» دېگەن.

ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر قارارى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىشى نوپۇس قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىغا ئائىت دوكلات ۋە خەۋەرلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ، جىددىي ئىنكاس قوزغىغان مەزگىلگە توغرا كەلدى.

يېقىندا گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز ۋە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان مۇناسىۋەتلىك دوكلاتلاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ نوپۇسىنى چەكلەش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاياللىرىغا مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيەسى قىلغانلىقى ئاشكارىلانغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە «ئاستا خاراكتېرلىك ئىرقىي قىرغىنچىلىق» تەدبىرىنى يولغا قويغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن ئىدى.