«مىڭپاۋ» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرىگە ھۇجۇم قىلغان ئىككى جىنايەتچى 19 يىللىقتىن قاماققا بۇيرۇلغان


خوڭكوڭ ئاممىۋى خەۋەر قانىلىنىڭ 21 - ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى خوڭكوڭ «مىڭپاۋ» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرىگە ھۇجۇم قىلغان ئىككى جىنايەتچى 19 يىللىقتىن قاماققا بۇيرۇلغان.

باش مۇھەررىر كەۋىن لاۋ، يەنى ليۇ جىنتۇ، ئۆتكەن يىلى فېۋرالدا ماشىنىسىدىن چۈشۈۋاتقاندا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان، ھۇجۇمدا ئۇنىڭ دۈمبە ۋە پاچاقلىرىنىڭ چانالغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

كەۋىن لاۋ ئەسلى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان خوڭكوڭ «مىڭپاۋ» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى بولۇپ، ئۇ ئۆتكەن يىلى ۋەزىپىسىدىن تۇيۇقسىز قالدۇرغان.

ئۇنىڭ ۋەزىپىسىدىن تۇيۇقسىز قالدۇرۇلۇشى ۋە ھۇجۇمغا ئۇچرىشى خوڭكوڭنىڭ بارغانچە تارىيىۋاتقان ئاخبارات ئەركىنلىكىدىن بىئارام بولۇپ تۇرغان كۆپىنچە خوڭكوڭلۇقلارنى قايغۇغا سالغان.

ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغۇچىلار تۇتۇلغاندىن كېيىن، ساقچى دائىرىلىرى ھۇجۇمنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان سىرلارنى تاپالمىغان.

ھۇجۇمچىلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىن كەلگەن 39 ياشلىق ئەرلەر بولۇپ، بۇلارنىڭ جىنايىتى ئوتكەن ھەپتە رەسمىي دەلىللەنگەن.

ھۇجۇمدا كەۋىن لاۋ ساق قالغان ئىدى.