«موڭغۇل خەۋەرلىرى» بىلوگىنىڭ 4-ئاپىرىلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۆتكەن شەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىچكى موڭغۇلنىڭ نايمان خوشۇنىدا 500 نەپەر ساقچى ئۈچ ھەپتىدىن بۇيان شۇ جايدىكى خىمىيە زاۋۇتىنى قورشىۋالغان نامايىشچىلارنى زورلۇق كۈچ بىلەن تارقاقلاشتۇرغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ساقچىلار توك كالتەك ۋە باشقا زوراۋانلىق قوراللىرىنى ئىشقا سېلىپ نامايىشچى پۇقرالاردىن 100 كۆپ كىشىنى يارىلاندۇرغان، 50 نەچچە كىشىنى تۇتقۇن قىلغان.
نايمان خوشۇنىدىكى خىمىيە زاۋۇتىنى قورشىۋېلىش ۋەقەسى 3-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن ئېتىبارەن باشلانغان بولۇپ، ئەتراپتىكى 7 كەنتتىن توپلانغان ئاۋام پۇقرالار مەزكۇر زاۋۇتنى تاقاشنى تەلەپ قىلغان. نەتىجىدە پۇقرالارنىڭ بېسىمى بىلەن مەزكۇر زاۋۇت 3-ئاينىڭ 24-كۈنى ئىشتىن توختاشقا مەجبۇر بولغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، مەزكۇر خىمىيە زاۋۇتى نايمان خوشۇنىنىڭ سۇ مەنبەسى ۋە ئورمانلىرىنى بۇلغاپ، يەرلىرىنى قاقاسلاشتۇرىۋەتكەن. پۇقرالار كۆپ قېتىم ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا ئەرز قىلىپ مەزكۇر زاۋۇتنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن يەرلىك ھۆكۈمەت پەرۋا قىلمىغان.
ساقچىلار بىلەن پۇقرالار ئوتتۇرىسىدىكى بۇ قېتىملىق قانلىق توقۇنۇش ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى كۆپ خەۋەر بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا زور غۇلغۇلا قوزغالماقتىكەن.