ئىچكى موڭغۇلنىڭ تۇڭلياۋ شەھىرىدىكى موڭغۇللار نامايىشىدا تۇتقۇنلار سانى كۆپەيدى

رادىيومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىچكى موڭغۇلنىڭ توڭلياۋ شەھىرىگە قاراشلىق زارۇچى ئالخۇلدۇرۇلچىن بازىرى سۇمرارۇلاچ كەنتىدە 8-ئاپرېل باشلانغان خىتاينىڭ ئاليۇمىن زاۋۇتىنىڭ مۇھىت بۇلغىشىغا قارشى نارازىلىق نامايىش سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغانلار 14-ئاپرېل پەيشەنبە كۈنى 8 گە يەتكەن. ئەمما دائىرىلەر، چارۋىچىلارغا مۇھىت بۇلغىنىش تۆلەم پۇلى بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

14-ئاپرېل ئەتىگەن رادىئومىزغا ئەھۋالنى بايان قىلغان چارۋىچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بازارلىق ساقچىخانا خادىملىرى 12-ئاپرېلدىن باشلاپ ئادەم تۇتۇشنى باشلىغان. شۇ كۈنى تۇتقۇن قىلىنغان نامايىشچىلار باشلامچىسى نورشۇن ھۇرىچتىن باشقا يەنە 7 نەپەر موڭغۇل چارۋىچى چارشەنبە، پەيشەنبە كۈنلىرى تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، دائىرىلەر ئۇلارغا قالايمىقانچىلىق چىقىرىپ، چەتئەل تاراتقۇلىرىغا ئۇچۇر ئاشكارىلاش قاتارلىق جىنايەتلەرنى ئارتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، چارۋىلىرى ئۆلگەن موڭغۇللارنىڭ ئاليۇمىن زاۋۇتىنىڭ مۇھىت بۇلغىشىغا قارشى نارازىلىق نامايىشىدىن كېيىن، دائىرىلەر تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىللە، چارۋىچىلارنىڭ نارازىلىقىنى پەسەيتىش ۋە ھۆكۈمەتكە كېلىدىغان بېسىمنى ئازايتىش ئۈچۈن چارۋىچىلارغا مۇھىت بۇلغىنىش تۆلىمى بېرىدىغانلىقىنىمۇ ئېلان قىلغان.

ئىچكى موڭغۇلدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى شىننانىڭ ئۈندىدار تورىغا يوللىغان ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بازارلىق ھۆكۈمەت ۋە ئاليۇمىن زاۋۇتى چارۋىچىلارغا 5 يىللىق مۇھىت بۇلغىنىشى ئۈچۈن ھەر بىر ئائىلىگە 10 مىڭ سوم خەلق پۇلى ئەتراپىدا تۆلەم تۆلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. ئەمما موڭغۇللارنىڭ زەھەرلىنىپ ئۆلگەن چارۋىلىرى ئۈچۈن قانچىلىك تۆلەم بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھازىرغىچە باشقا خەۋەر بەرمىگەن.