مۇخبىرىمىزنىڭ ئىچكى موڭغۇلنىڭ تۇڭلياۋ شەھىرىدىكى موڭغۇللارنىڭ نارازىلىق نامايىشى ھەققىدە 20-ئاپرېل كۈنى ئەھۋال ئىگىلىشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نارازىلىق نامايىشى باشلانغان زارۇد خوشۇنىنى تۈنۈگۈندىن باشلاپ ساقچىلار قامال قىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، 18-ئاپرېل كۈنى تەخمىنەن ئىككى يۈز كىشى موڭغۇل ۋە خىتاي يېزىقىدىكى پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ زارۇد خوشۇنلۇق ھۆكۈمەت ئالدىدا نامايىش قىلىپ، خۇلىن غول ئاليۇمىن زاۋۇتىنى تاقىۋېتىشنى ھەمدە يايلاق ئېكولوگىيىسىنى قوغداشنى تەلەپ قىلغان. ئالاقىدار ئۇچۇرلاردا ھازىرقى قامال قىلىش تەدبىرلىرىنىڭ مۇشۇ تەلەپلەر سەۋەبىدىن قوللىنىلغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.
يەرلىك چارۋىچىلارنىڭ رادىئومىز مۇخبىرلىرىغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى چارۋىچىلارنىڭ تەلەپلىرىگە ئۈچ كۈن ئىچىدە جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، تۈنۈگۈندىن باشلاپ خىتاي ساقچىلىرى زارۇد خوشۇنىنىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىغان. كەنتتىكىلەرنىڭ سىرتقا چىقىشى ياكى سىرتتىكى كىشىلەرنىڭ مەزكۇر خوشۇنغا كىرىشى بىردەك مەنئى قىلىنغان. بېيجىڭدىن كەلگەن ئادۋوكاتلار گۇرۇپپىسىمۇ ساقچىلارنىڭ سوئال-سوراقلىرىغا دۇچ كەلگەن ھەمدە ئۇلارنىڭ «ئارخۇندېلېن سوم (كەنت)ئى تەرەپكە بېرىشىغا بولمايدىغانلىقى» ئۇقتۇرۇلغان. ھازىر مەزكۇر خوشۇندىكى ھەرقايسى سوملارنىڭ ئېغىزلىرىدا ساقچىلار قاراۋۇللۇقتا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، يەرلىكتە تېلېفون سىگنالىنىڭ توسۇپ قويۇلىۋاتقانقانلىقى مەلۇم.
ئارخۇندېلىن سومىدىكى يەرلىك موڭغۇل چارۋىچىلارنىڭ رادىيومىز مۇخبىرلىرىغا بىلدۈرۈشىچە، خۇلىن غول رايونىدىكى ئاليۇمىن زاۋۇتى يىللاردىن بېرى قويۇپ بەرگەن بۇلغانما سۇ ۋە باشقا ماددىلار مەزكۇر رايوننىڭ مۇھىتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىغان. بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن چارۋىلار بۇنىڭدىن زەھەرلىنىپ ئۆلۈپ كەتكەن.
ئىچكى موڭغۇلدىكى ئەھۋالغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان خىتاي كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش باھانىسىدە مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغاش ھادىسىسى ئۇيغۇرلار رايونىدىمۇ كۆپلەپ كۆرۈلگەن بولۇپ، رادىيومىز بۇ ھەقتە مەخسۇس خەۋەرلەر بەرگەن ئىدى.