خىتايدىكى تۇنجى ئاپتونومىيە - ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى 70 يىللىقىنى خاتىرىلىدى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2017.05.02

1-ماي دائىرىلەر كوكخوتتا ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلىگەن. ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى 1947-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بېسىۋالغان رايونلاردا قۇرغان تۇنجى ئاپتونوم رايونى ھېسابلىنىدۇ.

دائىرىلەر تەشۋىقات خەۋەرلىرىدە، 70 يىلدىن بۇيان ئىچكى موڭغۇلنى «دۆلەتلىك نۇقتىلىق تەرەققىيات، ئېچىۋېتىش سىناق رايونى» قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا ئائىت سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكىنى، مالىيە مەخسۇس مەبلىغىنى يىلمۇ-يىل ئاشۇرغانلىقىنى، شۇنداقلا يەر سىياسىتى، ئىختىساسلىقلار سىياسىتى قاتارلىق تەرەپتىن تۈرلەر بويىچە قوللاش تەدبىرىنى قوللىنىپ، كۆپ قاتلاملىق تەرەققىيات گۈللىنىشلەرگە ئېرىشتۈرگەنلىكىنى كۆرسەتكەن. خىتاي مەتبۇئاتلىرى خەۋەرلىرىدە يەنە، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغاندىن بۇيان 642 ھەسسە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى يازغان.

مەركىزى نيۇيوركتىكى ئىچكى موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزى قاتارلىق موڭغۇل تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ ئىچكى موڭغۇلدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتكە قارشى باياناتلىرىدا، موڭغۇللارنىڭ ئاپتونومىيە سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولالمايلا قالماي، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ موڭغۇل يايلاقلىرىنى ۋەيران قىلىپ موڭغۇللارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تەھدىتكە ئۇچراتقانلىقىنى ئېيتقان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئادىل بولمىغان سىياسەتلىرىنىڭ موڭغۇللارنىڭ نامراتلىقتا قېلىشىغا، ئاسسىمىلياتسىيە بولۇشىغا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى، خىتاي كۆچمەنلەرنىڭ بارغانچە كۆپىيىپ، موڭغۇللارنىڭ بولسا ئۆز ئاپتونوم رايونىدا ئاز سانلىققا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى شىكايەت قىلىپ كەلمەكتە.

1947-يىلىدا ئىچكى موڭغۇل نوپۇسى 800 مىڭ بولۇپ، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ھازىرقى ئومۇمىي نوپۇسى 25 مىليونغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە موڭغۇللار 4 مىليون 600 مىڭ، قالغان ئاساسلىق قىسمىنى خىتاي نوپۇسى ئىگىلەيدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.