ئىچكى موڭغۇل شىلىنغۇل ئايمىقىدا نارازىلىق بىلدۈرگەن موڭغۇللار تۇتقۇن قىلىندى


6 - سېنتەبىر يەكشەنبە كۈنى ئىچكى موڭغۇلنىڭ شىلىنغۇل ئايمىقىدا ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرگەن موڭغۇل چارۋىچىلىرى تۇتقۇن قىلىندى. رادىيومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، موڭغۇللارنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتى سەيشەنبە كۈنىمۇ داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، بۈگۈن 100 دىن ئارتۇق موڭغۇل ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئالدىدا جىم ئولتۇرۇۋېلىپ نارازىلىق بىلدۈرۈرگەن ۋە ھۆكۈمەتتىن تۇتقۇن قىلىنغانلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

چەتئەللەردىكى موڭغۇل تەشكىلاتلىرىدىن ياپونىيىدىكى جەنۇبىي موڭغولىيە خەلق پارتىيىسىنىڭ كاتىبى كەرىد كۋاسگالت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۇتقۇن قىلىنىش ۋەقەسى 6 - سېنتەبىر يەكشەنبە كۈنى ئىچكى موڭغۇلنىڭ شىلونغۇل ئايمىقى شۇلۇنساخا خوشۇتىدا يۈز بەرگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل يېغىن ئاز بولغىنى ئۈچۈن شىلىنغۇل يايلىقىدا يازىچە قاتتىق قۇرغاقچىلىق بولغان. يايلاقتىكى سۇ مەنبەلىرى ۋە تاغدىكى مۇزلۇقلار خىتاي شىركەتلىرى تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنغانلىقى ئۈچۈن، يايلاقتىكى ئوت - چۆپلەر قۇرۇپ، مال - چارۋا ۋە موڭغۇل چارۋىچىلىرىنىڭ ئىچىملىك سۇ مەسىلىسىمۇ قىيىنلاشقان. بۇ ئەھۋالدىن نارازى بولغان بىرنەچچە يۈز موڭغۇل يەكشەنبە كۈنى يايلاقتىكى ئوت - چۆپلەرنىڭ قۇرۇپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان خىتاي شىركەتلىرى ئۈستىدىن ئەرز قىلىش ۋە سۇ قىسلىقى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، شىلىنغۇل ئايمىقى يەنى ناھىيىلىك ھۆكۈمەتكە بارغىنىدا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. كەرىد ئەپەندى ئۇلار ئىگىلىگەن مەلۇماتتا سەيشەنبە كۈنىگە قەدەر 30 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.