ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى خىتاينىڭ ئىچكى موڭغۇلدىكى باستۇرۇشىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020-09-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

16-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمەت تورىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى خىتاينىڭ ئىچكى موڭغۇلدىكى موڭغۇل تىلىنى قوغداش كۈرىشىنى باستۇرغانلىقى ۋە ئامېرىكا مۇخبىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى جەمېس مەكگوۋېرن، كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو، دۆلەت مەجلىسى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئىجرائىيە رەئىسى ۋە ئىجرائىيە رەئىسلىرى ئېلان قىلغان باياناتتا خىتاينىڭ ئىچكى موڭغۇلدىكى مەكتەپلەردە موڭغۇل تىلىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقى ۋە بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان قارشىلىق ھەرىكەتلەرنى باستۇرغانلىقى ئەيبلىنىپ، مۇنداق دېيىلگەن: «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى تىنچ نامايىشقا قاتنىشىپ تۇتۇلۇپ كەتكەنلەرنى قويۇپ بېرىشكە، ئۆز تىلىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان موڭغۇللارنى تەقىب ئاستىغا ئېلىش ۋە ئۇلارنى پاراكەندە قىلىشنى توختىتىشقا چاقىرىمىز. بىز خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى سىستېمىلىق ھالدا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىۋاتقانلىقىنى، جۈملىدىن تىبەت ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى مەكتەپلەردە ئۇلارنىڭ ئانا تىلىدا ئوقۇشىنى چەكلىگەنلىكىنى قاتتىق ئەيبلەيمىز.»

بۇ باياناتتا خىتاينىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر رايونىغا ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى بەرگەندە ئۇلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى مائارىپ ۋە مەتبۇئات ئورۇنلىرىدىمۇ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بەرگەن بولسىمۇ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا بۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

«ئاقسۇ گېزىتى» نىڭ 16-سېنتەبىر ئېلان قىلغان خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا 9-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە 23-نۆۋەتلىك پۇتۇڭخۇا (خىتاي ئورتاق تىلى) نى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ھەپتىلىكى ئۆتكۈزۈلىدىكەن. بۇ ھەپتىلىك 1998-يىل باشلانغان بولۇپ، ھەر يىلى 9-ئاينىڭ 3-ھەپتىسى ئۆتكۈزۈلىدىكەن. بۇ پائالىيەتتە ئاساسلىقى 18 ياشتىن 50 ياشقىچە بولغان دېھقان-چارۋىچىلار، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، نامرات ئائىلىلەردە يېڭىدىن كۆپەيگەن ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ خىتاي تىلى سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش نىشان قىلىنىدىكەن. تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر تىلىنى شەھەرلەردىلا ئەمەس، يېزىلارغىچە، مائارىپ ساھەسىدىلا ئەمەس، تۇرمۇشنىڭ ھەممە ساھەلىرىگىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر تىلىنى يوقىتىپ، ئۇيغۇرلارنى ئاسسسىمىلاتسىيە قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت