چېخىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئادەم ئىچكى ئەزالىرى ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تەدبىر ئېلىشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-07-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكىلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئېتان گۇتمان چېخىيە پارلامېنتىدا دوكلات بېرىپ، چېخىيە پارلامېنتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئادەم ئىچكى ئەزالىرى ئەتكەسچىلىكىگە قارشى دەرھال تەدبىر ئېلىشقا چاقىرغان.

ئۇ بۇ چاقىرىقنى 8‏-ئىيۇل چېخىيە پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسىدا بەرگەن خىتاينىڭ ئادەم ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈش ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويغان.

ئېتان گۇتماننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھەر يىلى 7000 كىشىنىڭ ئىچكى ئەزا ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرسىمۇ، لېكىن خىتايدا ھەر يىلى 100 مىڭ ئادەمنىڭ ئىچكى ئەزاسى كۆچۈرۈلىدىغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭ كېلىش مەنبەسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىكەن.

ئۇ خىتايدا بۇرۇن فالۇنگوڭچىلار مەجبۇرىي ئادەم ئىچكى ئەزاسى كەچۈرۈشنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى بولغان بولسا، مانا ئەمدى كومپارتىيە دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ د ن ئا ئۇچۇرلىرىنىڭ توپلىنىشى، تەربىيەلەش لاگېرلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە جەسەت كۆيدۈرۈش زاۋۇتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى بۇنىڭ بېشارىتى ئىكەن.

ئېتان گۇتمان، ئۆتكەن يىلى 17 مىليون ئۇيغۇرغا د ن ئا ۋە قان تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىلغانلىقى، خوتەن ۋە باشقا جايلاردا 500 مىڭدىن بىر مىليونغىچە ئۇيغۇرنىڭ «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا سولانغانلىقى، ئۇيغۇر رايونىدا يەنە 9 جەسەت كۆيدۈرۈش زاۋۇتى قۇرۇلغانلىقى، ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى بىر جەسەت كۆيدۈرۈش زاۋۇتىغا 50 نەپەر ئامانلىق خادىمى قوبۇل قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بۇ بىر كىشىلىك ھوقۇق ئاپىتى، پاكىتلاردىن ھېچقانداق شۈبھە يوق. بۇ ئىشلار بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا يۈز بېرىۋاتىدۇ» دېگەن.

ئۇ چېخىيە پارلامېنت ئەزالىرىنى بۇنىڭغا قارشى دەرھال تەدبىر ئېلىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېگەن: «مەن سىلەرنىڭ قانداق قىلىشىڭلار كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بېرەلمەيمەن. ماگنىتىسكىي قانۇنىنى ئىشقا سېلىپ، ئىچكى ئەزا كۆچۈرىدىغان خىتاي دوختۇرلىرىنى چەكلەمسىلەر، قارار ماقۇللامسىلەر ياكى بايانات ئېلان قىلامسىلەر، ئىشقىلىپ خۇدانىڭ ھەققىگە بىر ئىش قىلىڭلار».

چېخىيە پارلامېنتىدىكى دوكلات بېرىش يىغىنى ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مەزگىلدە چاقىرىلغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگ ئۆمىكى سەيشەنبە كۈنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە دىئالوگ ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، دىئالوگىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت