ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئىدرىس ھەسەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئاخىر ماراكەش تۈرمىسىدىن چىقىپ، 14-فېۋرال ئامېرىكاغا يېتىپ كەلدى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن سۆيۈنۈپ، فېسبوك قاتارلىق ھەر قايسى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ خۇش خەۋەرنى كۆپلەپ ھەمبەھىرلىدى.
بۇ ھەقتە دەسلەپتە خەۋەر بەرگەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى فېسبوك ھېسابىدا يوللىغان ئۇچۇرىدا مۇنداق دەپ يازغان: «3 يېرىم يىلدىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى بىلەن، ماراكەش تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان قېرىندىشىمىز ئىدرىس ھەسەن، ئۇزۇن ۋە ئىزچىل تىرىشچانلىق نەتىجىسىدە، ئامېرىكانىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن بۈگۈن تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىپ، ساق-سالامەت ۋاشىنگتونغا يېتىپ كەلدى».
ئىدرىس ھەسەن ماراكەش دۆلەت خەۋپسىزلىكى خادىملىرى تەرىپىدىن 2021-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى ماراكەشنىڭ كاسابلانكا ئايرودۇرۇمىدا قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن شۇ يەردىكى بىر تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلغان بولۇپ، يىللاردىن بېرى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق كۆپلىگەن تەشكىلاتلار ماراكەش ھۆكۈمىتىدىن ئىدرىس ھەسەننى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقانىدى.