ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە پىكىر بايان قىلغان ئۇيغۇرلار تۇتقۇن قىلىنغان

خىتاي دائىرىلىرى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ 4 يىللىق ھارپىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە پىكىر بايان قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، بۇ كىشىلەر ئۆسەك سۆز تارقاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر قىسىم خىتايلارمۇ بار ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇقتۇرۇشنى ئۈرۈمچى تەشۋىقات بۆلۈمى چىقارغان بولۇپ، ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلگەن: يېقىندا ۋاڭ جيەنيۈ، گۈلبوستان غۇلام قاتارلىقلار تور ۋە يانفوندا ئۇچۇر يوللاپ، بەيگە مەيدانى، يامالىق تېغى قاتارلىق رايونلاردا تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە ئۆسەك سۆز تارقاتقان.

ئۇقتۇرۇشتا يەنە، بۇ كىشىلەرنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى كۆرسىتىلگەن ۋە كىشىلەرنى ئۆسەك سۆز تارقاتماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.

رادىئويىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلار قاتتىق كۆزىتىش ئوبيېكتىغا ئايلانغان، مەكتەپ ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى قاتارلىق جايلارغا كۆپلەپ ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەردىمۇ چوڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش ھەرىكىتى قوزغاپ نۇرغۇن ئادەمنى قولغا ئالغان. نۆۋەتتە ئۇيغۇر خەلقى مۇقىملىق ساقلاش خىزمىتىدە نۇقتىلىق تەكشۈرۈلۈش ئوبيېكتىغا ئايلانغان.