خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينى ئۇيغۇر فىلىم ئىشلىگۈچى ۋە رېژىسسور ئىكرام نۇرمەمەتنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىردى
2024.10.18
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنى سىياسىي جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ 6 يېرىم يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر فىلىم ئىشلىگۈچى ۋە رېژىسسور ئىكرام نۇرمەمەتنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.
مەزكۇر ئورگان 17-ئۆكتەبىر كۈنى ئىكرام نۇرمەمەت ئۈچۈن مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ ئەركىنلىكىنى تەلەپ قىلغان ھەمدە دېموكراتىك ھۆكۈمەتلەرنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە دەۋەت قىلغان.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمى مۇئاۋىن دىرېكتورى مايا ۋاڭ باياناتتىكى سۆزىدە مۇنداق دېگەن:
«خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا خورلاش خاراكتېرلىك قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى باشلىغان يەتتە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىنمۇ، ئىكرام نۇرمەمەتكە ئوخشاش ئۇيغۇر ياشلىرىنى سىياسىي جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەشنى داۋام قىلماقتا. ئىكرام نۇرمەمەت ۋە شۇنىڭدەك ناھەق تۈرمىگە تاشلانغان يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرلار دەرھال قويۇپ بېرىلىشى كېرەك».
ئىكرام نۇرمەمەت، بېيجىڭدا ياشايدىغان بولۇپ، ئۇ، ئېلانچىلىق ۋە فىلىم سەنئىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياش رېژىسسور ئىدى. ئۇ، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرى بېيجىڭدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە يىل ئاخىرىدا ئۈرۈمچىدە سوتلانغان. ئۇنىڭ تۇتۇلۇشى ۋە سوتلىنىشىغا، بىرقانچە يىل ئاۋۋال تۈركىيەدە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇش ۋە تۈرك فىلىم شىركەتلىرىدە ئىشلىشىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى مەلۇم.
رادىيومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردا، ئىكرام نۇرمەمەت ۋە ئۇنىڭ 4 نەپەر دوستىنىڭ «تېررورلۇق گۇرۇھى قۇرۇش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى، ئىكرام ۋە دوستلىرىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا 5 يىلدىن 6 يېرىم يىللىققىچە كېسىلگەنلىكى، ئىكرامنىڭ سوراق جەريانىدا قىيىن-قىستاق دەستىدىن ئاتالمىش جىنايىتىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقى ئايدىڭلاشقان ئىدى.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى باياناتىدا، ئىكرام نۇرمەمەت ئۇچرىغان قىيىن-قىستاقنى ئەيىبلىگەن. ئۇلار خىتاينىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىدا قىيناش ئارقىلىق ئېرىشكەن ئىسپاتلارنى ئىشلىتىشنى چەكلەنگەن دەپ يېزىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە سوتچىلارنىڭ بۇ ئىسپاتلارنى ئاساسەن بىكار قىلمايدىغانلىقىنى ۋە قىيناشقا ئۇچرىغان جاۋابكارلارنى ئەزەلدىن ئاقلىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى باياناتىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «26 سەزگۈر دۆلەت» تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ چىقىپ، بۇ دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلغان بولۇش ياكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بولۇشنىمۇ جىنايەت قىلىپ بېكىتكەنلىكىنى ۋە نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى بۇ بويىچە جازالىغانلىقىنى ۋە بۇنداق جازالاشلارنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.