خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى زىيارىتىدە تۈرمىدىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى بىلەن كۆرۈشۈش تەلەپلىرىنىڭ ئىزچىل جاھىللىق بىلەن رەت قىلغان. «بىلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» ئاگېنتلىقىنىڭ 30-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، «شىنجاڭنى زىيارەت قىلىش مەسىلىسىدىكى دىپلوماتىك جىددىيلىكنىڭ مەركىزىگە ئايلانغان».
بۇ، خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىلھام توختى بىلەن كۆرۈشۈش تەلىپىنى تۇنجى قېتىم رەت قىلىشى ئەمەس. ئۇ بۇرۇنمۇ بىر قېتىم رەت قىلغانىدى. خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتلىرىنىڭ تۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنىپ، ئۈرۈمچىدىكى بىر تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان بىر سىياسىي مەھبۇس بىلەن كۆرۈشۈشىدىن بۇنچىلىك بىئارام بولىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.
«بىلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي تەرەپ ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئىلھام توختى بىلەن كۆرۈشۈشتە چىڭ تۇرۇۋېلىپ، بۇ زىيارەتكە توسقۇنلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى شۇ گۇيشياڭ 30-ئىيۇل مۇخبىرلارغا بىريۇسسېل ئىلھام توختى بىلەن كۆرۈشىمىز، دېگەنگە ئوخشاش «ئورۇنسىز تەلەپلەر» دە بولغانلىقى ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتلىرىنىڭ رايوننى زىيارەت قىلىشىدا «ھەرقانداق بىر يېڭى ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭ قارىشىچە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «ئىلھام ۋە باشقا جىنايەتچىلەر بىلەن سۆزلىشىشنى تەلەپ قىلىشى خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك» ئىكەن. لېكىن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە لاگېر-تۈرمىلەردە مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى پاش بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ غەربنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا ھەر خىل شەرتلەرنى قويۇپ توسقۇنلۇق قىلماقتىكەن.