ۋال-سىترىت ژورنىلى ساخاروۋ مۇكاپاتىنىڭ ئىلھام توختىغا بېرىلىشىنى «ئۇيغۇرلارنىڭ غەلىبىسى» دەپ ئالقىشلىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.10.29

ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق ژورناللاردىن «ۋال-سىترىت» ژورنىلى 25-ئۆكتەبىر كۈنى «ئۇيغۇرلارنىڭ غەلىبىسى» ماۋزۇلۇق تەھرىرات ماقالىىسى ئېلان قىلىپ، ياۋرۇپا پارلامېنتىنىڭ بۇ يىللىق ساخاروۋ مۇكاپاتىنى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا بەرگەنلىكىنى ئالقىشلىدى.

مەزكۇر ژورنال تەھرىرات ماقالىسىدە، ئۇيغۇرلارغا باراۋەرلىك ۋە ئۆز غورۇرى ۋە ئىرادىسى بويىچە ياشاش ھوقۇقى تەلەپ قىلغان ئىلھام توختىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورچى» دەپ ئەيىبلىگەنلىكى تىلغا ئېلىنپ «مانا بۇ ئىلھام توختىنىڭ بۇ مۇكاپاتقا تولىمۇ لايىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ» دېيىلگەن. ماقالىدە ئىلھام توختىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا قامىلىپ ياتقان بىر يېرىم مىليون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرنىڭ بىرى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. ماقالىدە مۇنۇلار بايان قىلىنغان: 

«ياۋرۇپا پارلامېنتى بۇ قارارى ئارقىلىق دۇنيانىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇلارغا قىلىنىۋاتقان شىددەتلىك زوراۋانلىققا بۇرىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بۇ زوراۋانلىقنىڭ 1930‏-يىللارنى ئەسلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ ئىشتا مەسئۇلىيىتى بار خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا تەدبىرلىرى قويۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە باشلىدى. ياۋرۇپانىڭمۇ بۇ سەپكە قوشۇلۇۋاتقىنىنى كۆرۈش بىزنى خۇرسەن قىلدى».

28-ئۆكتەبىر كۈنى يەنە، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋرۇپا پارلامېنتىنى ئىلھام توختىغا بېرىلگەن «ساخاروۋ مۇكاپاتى» نى خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىدىغان قورالغا ئايلاندۇرۇشقا چاقىردى. 

مەزكۇر ئورگان 28-ئۆكتەبىر كۈنى ياۋرۇپا پارلامېنتى رەھبەرلىرىگە مەكتۇب يوللاپ، ياۋرۇپا پارلامېنتىنى بۇ يىل تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا بېرىلگەن «ساخاروۋ مۇكاپاتى» ئارقىلىق ئىلھام توختىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن خىتايغا كۈچلۇك يوسۇندا بېسىم ئىشلىتىشكە دەۋەت قىلغان. 

ئۇلار يەنە، ياۋرۇپا پارلامېنتىدىن ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا قاراشلىق ئورگانلار، ھۆكۈمەتلەر ۋە ھەرقايسى دۆلەتلىك پارلامېنتلار بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. 

ياۋروپا پارلامېنتى پرېزىدېنتى دەيۋىد ساسسولى 24‏-ئۆكتەبىر كۈنى بۇ يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» نىڭ 2014‏-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىلھام توختىغا بېرىلگەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.