ئىلھام توختى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تېررورلۇق قالپىقى كىيگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى
2013.11.18
ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ئوچۇق-ئاشكارا تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن زىيالىي ئىلھام توختى ئەپەندى، 16-نويابىر سېرىقبۇيا ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى «ئۇيغۇرلارغا تېررورلۇق قالپىقى كىيگۈزمەسلىك» كە چاقىردى.
ئىلھام توختى ئەپەندى سېرىقبۇيا يېزىسىدا يۈز بەرگەن «23-ئاپرېل ۋەقەسى» ۋە «16-نويابىر ۋەقەسى» نىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ھەققىدە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ۋەقەلەرنىڭ تەپسىلاتىنىڭ ئاشكارىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ «بۇ ۋەقەلەرنىڭ تەپسىلاتلىرى ئاشكارىلىنىشى كېرەك، ئوققا تۇتۇشقا بۇيرۇغان باشلىقتىن، ئوققا تۇتقان ساقچىلارغىچە ھەممە تەپسىلىي جەريان ئاممىغا ئاشكارىلىنىشى كېرەك» دېدى.
ئىلھام توختى ئەپەندى يەنە ۋەقە ھەققىدىكى گۇمانىنى بايان قىلىپ، «بۇ قېتىمقى ۋەقەدىمۇ ئالدىنقى قېتىمقىغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان ئېنىق بولمىغان ۋە گۇمانلىق نۇقتىلار بار. ئەمما ئېنىقكى، بۇ خىل توقۇنۇشلار ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلار ۋە خەنزۇلاردا ۋە باشقا كىشىلەردە ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈۋاتىدۇ» دېگەن.
ئۇيغۇربىز تورى ۋە دۇنيا ئاۋازى بلوگىنىڭ خەۋىرىدە يەنە، ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەنى تېررورلۇق ھۇجۇمى دەپ بېكىتكەنلىكىگە قارىتا سوئاللىرى ۋە تەنقىدلىرى مۇنداق نەقىل ئېلىنغان. «سېرىقبۇيا يېزىسىدا زادى نېمە ئىش يۈز بەردى؟ ھەقىقىي ئەھۋال زادى قانداق؟ مېنىڭچە، كاللىسى ساق ئادەم بۇ ۋەقەنى تېررورلۇق ھۇجۇم دەپ قارىمايدۇ. بۇ خىل ۋەقەلەر ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىۋاتىدۇ، ئەجەبا ھۆكۈمەت ئويلىنىشى كېرەك ئەمەسمۇ؟ نېمىشقا قولىدا پىچىقىلا بار ئۇيغۇرلار قولىدا قورالى بولغان ساقچىلار بىلەن تىركىشىدۇ؟ يەنە 9 ئادەم ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىپتۇ. يەرلىك دائىرىلەر بۇ خىل ۋەقەنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئويلىشىپ باقمىدى، ھازىرغىچە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى توغرىسىدا ئويلىنىپ باقمىدى.»