خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى Intel ۋە NVIDIA قاتارلىق شىركەتلەردىن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق ئەھۋاللارنى سورىغان

ئامەرىكا ھۆكۈمىتى ۋە مەجلىسىگە قارايدىغان خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ 8-دېكابىر بەرگەن باياناتىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى جېيمىس مەكگوۋرىن ۋە كېڭەش پالاتا ئەزاسى ھەم شۇنداقلا خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ماركو رۇبىئو ئايرىم ئايرىم ھالدا ئنتېل شىركىتى (Intel) ۋە نىۋىدىيا شىركىتى (NVIDIA) نىڭ باش ئىجرائىيە دىرېكتورىغا خەت يازغان.

ئۇلار خېتىدە مەزكۇر شىركەتلەردىن خىتايغا سېتىپ بەرگەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى نازارەت قىلىشتا ئىشلىتىدىغان كومپيۇتېرلارنى ئىلغارلاشتۇرۇشتا قوللانغان كومپيۇتېر ئۆزەكلىرىگە مۇناسىۋەتلىك تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى تەمىنلىشىنى تەلەپ قىلغان.

رەئىسلەر شىركەتلەرنىڭ باش ئىجرائىيە دىرېكتورلىرىغا ئۇلارنىڭ خىتايغا ئېكسپورت قىلغان مەھسۇلاتلىرى ھەققىدە سوئال سورىغان.

ئۇلارنىڭ سوئاللىرى: «شىركەتلەرنىڭ تېخنىكىسىنىڭ خىتاي ساقچىلىرى ۋە بىخەتەرلىك ئورۇنلىرىنىڭ نازارەت سىستېمىسىنى قوللاشقا ئىشلىتىلىدىغان-ئىشلىتىلمەيدىغانلىقىنى تەكشۈرگەن-تەكشۈرمىگەنلىكى، ئۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئىشلىتىلمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئامېرىكانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەدبىر قوللانغان-قوللانمىغانلىقى» قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.