خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاجسىمان ۋىرۇسى يېڭى تارقالغان ۋاقىتلاردا يۇقۇمدارلارنىڭ سانىنى يوشۇرۇپ، دۇنيانى بىخۇدلاشتۇرۇپ قويغانلىقى تەنقىدكە ئۇچراپ كېلىۋاتقانىدى. بۇ جەھەتتە يالغانچىلىق قىلىۋاتىدۇ، دەپ قارىلىۋاتقان ئىرانمۇ بۈگۈن ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان يۇقۇمدارلار سانىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«ئەل-ئەرەبىيە» گېزىتىنىڭ 6-ئاپرېل سانىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئىران سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كيانوش جاھانپۇر يەكشەنبە كۈنى ئېچىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەسلەپتىلا يالغان مەلۇمات تارقاتقانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن دۇنيانىڭ «بۇ ۋىرۇس ئۇنچە قورقۇنچلۇق ئەمەسكەن» دەپ خاتا ئويلاپ قالغانلىقىنى تەنقىدلىدى. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان يۇقۇمدارلار ۋە ئۆلگەنلەر سانىنى «لاۋزا چاقچاق» دەپ تەسۋىرلىدى.
خىتاينىڭ تېھراندىكى باش ئەلچىسى چاڭ خۇا بۇنىڭغا تىۋېتتېردا جاۋاب يېزىپ «پىتنە-پاساتلار بىزنىڭ دوستلۇقىمىزنى بۇزالمايدۇ» دېدى.