ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكى ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر تۈپەيلىدىن بۇ قىلمىشلارغا بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك چېتىشلىق بولغان بىر قىسىم خىتاي مۇئەسسەسەلىرىگە جازا ئېلان قىلغان ھەمدە ئۇلارنى «قارا تىزىملىك» كە كىرگۈزگەن ئىدى. يېقىندا بۇ «قارا تىزىملىك» نى تېخىمۇ كېڭەيتىش چۇقانلىرى ياۋروپادا تۇشمۇ-تۇشتىن ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.
«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ 26-يانۋاردىكى ئوبزور ماقالىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەنگلىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى 35 نەپەر سىياسيون ئۆز دۆلەتلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىققا چېتىشلىق شىركەتلەر «قارا تىزىملىكى» نى تۇرغۇزۇپ چىقىشقا چاقىرغان. بولۇپمۇ ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە ھىندىستاندىكى سىياسىيونلار ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكىنىڭ «قارا تىزىملىك» ىنى ئۈلگە قىلغان ھالدا يېڭىدىن «قارا تىزىملىك» ئىشلەش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، «خىتاي ھەققىدىكى خەلقئارا پارلامېنتلار بىرلەشمىسى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رېينخارد بۇتىكوفېر بۇھ ھەقتە سۆز قىلىپ: «بىز چوڭ بانكىلارنىڭ شىنجاڭدىكى دەپسەندىچىلىك قىلمىشىدا ئوينىغا رولىغا سەل قارىماسلىقىمىز لازىم» دېگەن.
ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ئون نەچچە ئەزاسى ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسونغا ئەنگلىيەنىڭ بۇ ھەقتىكى «قارا تىزىملىكى» نى تۇرغۇزۇپ چىقىش تەكلىۋىنى بەرگەن. شۇنداقلا HSBC بانكىسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەبلەغ سېلىش ئىشلىرىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل «قارا تىزىملىك» ئۇيغۇر دىيارى بىلەن باغلىنىشلىق بولغان بارلىق سودا پائالىيەتلىرىنى مەنئى قىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنى چەكلەشتە مۇئەييەن رولى بولىدۇ، دەپ قارالماقتا ئىكەن.