غەرب دۇنياسى خىتايدىكى «ئىرقى قىرغىنچىلىق» مەسىلىسىدە سىناققا دۇچ كەلمەكتە

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021.01.29

ئامېرىكىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 19-يانۋار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كەلگەن جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا باشلىق غەرب دۇنياسىنىڭ «بۇ جىنايەتنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتىغاندىن كېيىن خىتاي بىلەن قانداق مۇناسىۋەت باغلاش» مەسىلىسىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

«ۋال سترېت ژۇرنىلى» دا 29-يانۋار ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە ئامېرىكا باشلىق غەرب دۇنياسىنىڭ خىتايدىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قا ھۆكۈم بەرگەندىن كېيىن خىتاي بىلەن بولىدىغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەردە چوڭ سىناققا دۇچ كېلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئامېرىكا بىرىنچى بولۇپ جاكارلىغان بۇ باياناتنىڭ غەرب ئەللىرى بىلەن خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى، ۋىجدان بىلەن مەنپەئەت ئوتتۇرىسىدا قانداق توقۇنۇشلارنىڭ مەيدانغا كېلىدىغانلىقى تەھلىل قىلىنغان.

ماقالىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنلەردە خىتاينىڭ جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىشىدا سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئالاھىدە رول ئوينىغان. يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېنمۇ بۇ باياناتقا ئاۋاز قوشۇپ، «خىتاي ھەقىقەتەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ» دېگەن. ئەمما خىتاي يەنىلا ئامېرىكا بىلەن سودا قىلىۋاتقان 2-چوڭ ئىقتىسادىي دۆلەت. ئەگەر ئامېرىكا خىتاي بىلەن قايتا ياخشىلىشىپ قالسا، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» باياناتىمۇ كۈلكىلىك بىر گەپكە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى نۇرغۇن شىركەتلەر خىتاي بىلەن بولىدىغان سودىسىنى ئۈزەلمەي كېلىۋاتقان بولۇپ، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» باياناتىدىن كېيىنمۇ بۇ سودىلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغان ياكى داۋاملاشتۇرمايدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدايمىز دەپ كېلىۋاتقان چوڭ شىركەتلەرنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي بىلەن سودا قىلىش مەسىلىسىمۇ چوڭ سىناققا دۇچ كەلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.