ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تېما قىلغان چوڭ كۆلەملىك خەلقئارا يىغىن ئەنگىلىيەدە باشلاندى

خەلقئارادىكى داڭلىق تەتقىقاتچىلار ۋە ئادۋوكاتلار 1-سېنتەبىر كۈنى ئەنگىلىيەدىكى سىياسىيونلار ھەم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بىللە چوڭ كۆلەملىك يىغىن ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە بۇنى توختىتىشنىڭ يوللىرىنى مۇزاكىرە قىلىشقا باشلىغان. ئەنگىلىيەنىڭ نيۇ-كەسۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىن ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر ئ‍ىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تېما قىلغان كۆلەم جەھەتتىن ئەڭ چوڭ يىغىن بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ يىغىندا ئەنگىلىيەلىك سوتچىلار، پارلامېنت ئەزالىرى، ئۇيغۇرشۇناسلار ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق مۇتەخەسىسسلىرىنى ئ‍ۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشىلەر سۆز قىلىدىكەن. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان ۋەھشىلىكلىرىگە، جۈملىدىن مەجبۇرى ئەمگەك، مەجبۇرى تۇغۇت چەكلەش ۋە دىنىي باستۇرۇشقا ئائىت دەلىللەرنى، شۇنداقلا بۇ باستۇرۇشلارنى توختىتىش ئۈچۈن خەلقئارا ھەرىكەت قوللىنىشنىڭ يوللىرىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.

يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان نيۇ-كەسۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، ئاتاقلىق ئۇيغۇرشۇناس جو سىمىس فىنلېي خانىم يىغىننىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلىپ: «بىز بۇ يىغىننىڭ نوقۇل بىر ئىلماي پائالىيەت بولۇپلا قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز يەنە بۇ يەردىكى بارلىق كىشىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تەجربىسى بىلەن تەسىرىنى ئىشقا سېلىپ، خىتايغا قارىتا بېسىمنى كۈچەيتىشىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە داۋاملىق زىيانكەشلىك قىلىشىغا خاتىمە بېرىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمىز،» دېگەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى «كۈنسېرى جىددىيلىشىۋاتقان ئىنسانىيەت كىرىزىسىدىكى بىر چوڭ ئاپەت» ئىكەن. ئۇ سۆزىدە يەنە گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس ئادرىيان زېنزنىڭ بۇ يىغىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇر نۇپۇسىنى زورلۇق بىلەن ئازايتىش پىلانىغا ئائىت رەسمىي ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئادىيان زېنز يېقىندا مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ 2040-يىلىغا قەدەر 4 يېرىم مىليون ئۇيغۇر نوپۇسىنى ئازايتىشنى پىلانلىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.