جىم مەكگاۋرېن: خىتاي ھۆكۈمىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىدىن ھېساب بېرىشى كېرەك
2022.09.22
ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم مەكگاۋرېن (Jim McGovern) 22-سېنتەبىر كۈنى تىۋېتتېردا ئۇچۇر يوللاپ: «مەن ئۇيغۇر دوستلىرىمغا ئاۋاز قوشۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتتىن كېيىن ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرىمەن. خىتاي ھۆكۈمىتى چوقۇم ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ۋە ئىنسانلارنى خورلاش قىلمىشىغا جاۋابكار بولۇشى كېرەك» دېگەن.
جىم مەكگاۋرىننىڭ بۇ ئۇچۇرى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ خىتايغا قارشى ئاچلىق ئېلان قىلىش نامايىشى ھەققىدىكى ئۇچۇرىغا قايتۇرۇلغان ئىنكاس بولۇپ، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ تىۋېتتىر ئۇچۇرىدا: «ئۇيغۇر لاگېر شاھىتلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى ئاچلىق ئېلان قىلىش نامايىشىنىڭ 3-كۈنىگە قەدەم قويدى. بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا چاقىرىق قىلىمىز» دېيىلگەن.
خىتاينىڭ يىللاردىن بېرى ھەر خىل ئۇسۇل-ۋاسىتىلەر بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنى قامال قىلىپ ئاچ قويۇپ ئۆلتۈرۈش شەكلىدە داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكادىكى لاگېر شاھىتلىرى بۇ جىنايەتنى توختىتىش ئۈچۈن ۋاشنگتوندا ئاچلىق ئېلان قىلىش نامايىشىنى باشلىغانىدى. ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم مەكگاۋرېن يۇقىرىقى ئۇچۇر ئارقىلىق ھەر ۋاقىت ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى كىرس سىمىسمۇ 21-سېنتەبىر كۈنى قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ ئاچ قويۇپ ئۆلتۈرۈش شەكلىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئەيبلىگەن.