ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ خىتاي ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى يۈ ماۋچۈن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلغان-قىلمىغانلىقىنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بۇنىڭ قانۇنى چەك-چېگرىسى ۋە دەلىللىرىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتىكەن. يۈ ماۋچۈن، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ خەلقئارا ئۆلچىمى، قاتتىق قانۇنى ئېنىقلىمىسى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ بۇ سۆزلەرنى 12-نويابىر ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى خىتاي بۆلۈمىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا قىلغان. يۈ ماۋچۈن ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىدىكى ھالقىلىق شەخسلەرنىڭ بىرى، دەپ قارىلىپ كەلگەنىدى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىشتە تېررورلۇقنى باھانە قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ زەربە بېرىش نىشانى ئالدى بىلەن ئۇيغۇر سەرخىللىرىگە قارىتىلغانىكەن.
ئۇ 2009-يىلى يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل «ئۈرۈمچى ۋەقەسى» ھەققىدە توختىلىپ، بۇ ۋەقەنىڭ تېررورلۇق بىلەن بەك چوڭ باغلىنىشى يوقلۇقى، بۇ ۋەقەنى خىتاينىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتى، مەجبۇرى بالا چۈشۈرۈش، ئىسلام دىنىنى قاتتىق كونترول قىلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۆز ۋاقتىدا ئامېرىكا خىتاينى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سېپىگە تەكلىپ قىلغان بولۇپ، خىتاي بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى كۈچەيتكەن ئىكەن. ئۇ: «بۇ نۇقتىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تېخىمۇ ئېنىق تونۇپ يەتتى» دېگەن.